ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاشكارىلاندى! بۇ قۇرساق شاھلىرىنىڭ ھىيلىسى مانا مۇنداق!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-12 18:33

 

بىر دۆۋە تاماقنى كامېرا كۆزى ئالدىغا قويۇۋالىدۇ-دە، ئاندىن ھەش-پەش دېگۈچە سۈپۈرۈپلا يەۋېتىدۇ. بۇنداق سىننى بەلكىم سىزمۇ كۆرگەنسىز. بۇنداق سىنلارنىڭ بەزىلىرىدە، ئېسىل غىزالارنى بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكۈدەك كۆپ مىقداردىكى غىزانى يەۋېتىدۇ. ئاندىن كۆرۈنۈشنى تېزلىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئادەمگە يەنە شۇنچىۋالا كۆپ يېمەكلىكىنى ھايت-ھۇيتلا يەۋەتكەندەك تۇيغۇغا ئەكېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرساق شاھى دەپ نام ئالىدۇ.

لېكىن، يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق سوئال قويغان: ئادەمنىڭ ئاشقازىنى بۇنچىۋالا كۆپ يېمەكلىكىنى سىغدۇرالامدۇ؟ بۇ قۇرساق شاھلىرى بۇ سىنلارنى قانداق ئىشلىگەندۇ؟

 

 

 

 

1


بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچى غىزا يەۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆپتۈرۈپ مىليون ئېقىم مىقدارى تاپىدۇ

 

ئېسىل غىزالارنى تونۇشتۇرۇش ئىچىدىكى بىر ساھە بولغان ئېسىل غىزا يېيىشنى كۆرسىتىش ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيە، كورېيەدە قۇرساق شاھلىرىنىڭ غىزا يەۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشى ئارقىلىق مودىغا ئايلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىمۇ مودا بولۇشقا باشلىدى. قۇرساق شاھىلىرى كامېرا ئالدىدا چوڭ-چوڭ كاپاملاپ يەپ، ئېقىم مىقدارى تاپقان ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇنداق سىنلارنى كۆرگۈچىلەرمۇ مۇبالىغە تۈسى كۈچلۈك بۇنداق سىنلارغا ناھايىتى ئاسانلا لال بولغان.

مەستانىلەر: ئېكرانغا قارىسىڭىز ئۇلار شۇنداق ھۇزۇرلىنىپ يەۋاتقان، ئۇلارنىڭ ھۇزۇرلىنىپ يېيىشلىرىگە قاراپ، بۇنداق غىزا، بۇنداق غىزا پىشۇرۇش ئۇسۇلى، ياكى شۇ جاينىڭ بۇنداق ئېسىل غىزاسى ئادەمنى بەك جەلپ قىلغۇدەك دەپ ئويلاپ قالىدىكەنسىز.

ئىكراندا قۇرساق شاھلىرىنىڭ ئېسىل غىزالارنى يەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى راسا قوزغايدۇ. ئۇلارنىڭ مەستانىلىرىمۇ بۇنداق سىنلارنى كۆرۈپ خۇددى كېسەلدىن ساقىيىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قورساق شاھلىرىنىڭ غىزا يەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش مودا بولۇشقا باشلىغان 2016-يىلى بىر سىننىڭ كۆرۈلۈشى مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرىغان.

بۇ بىر نەچچە يىل مابەينىدە، قۇرساق شاھلىرىنىڭ كۆرسىتىشلىرى مەيلى كۆلەم، سان، مىقدار جەھەتتىن بولسۇن، ياكى مەشغۇلات ئەندىزىسى جەھەتتىن بولسۇن، بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم بىر قۇرساق شاھىنىڭ سىن سۇپىسىدىكى مەستانىلىرىنىڭ سانى بىر مەھەل 40 مىليونغا ئادەمگە يەتكەن.

 

2


توختاپ-توختاپ يەيدۇ، سىننى كېسىپ ئۇلايدۇ، بىر ياقتىن يەپ بىر ياقتىن قۇسىدۇ... قۇرساق شاھلىرىنىڭ بىر سىننى تەييارلىشىغا 30 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ

 

لېكىن، قۇرساق شاھلىرىنىڭ بولۇشىغا يەۋاتقان سىنلىرى ئەدەپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە، نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرمۇ ئادەمنىڭ ئاشقازىنى شۇنچىۋالا كۆپ تاماقنى سىغدۇرالامدۇ؟ بۇنداق سىنلارنى زادى قانداق ئىشلەيدىغاندۇ؟ دېگەن گۇمانغا چۈشۈشكە باشلىدى.

مەلۇم بىر سىندا ئېسىل غىزا كۆرسەتكۈچى ئۆزىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئارقىلىق قۇرساق شاھىنىڭ بىر قېتىملىق سىنى قانداق تاماملىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نەق مەيدان ئۆزگەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا، يېيىش توختاپ-توختاپ داۋاملىشىدىكەن، ئاندىن ئېلىنغان سىن كېسىپ ئۇلىنىدىكەن، ئەڭ ئاخىرى 30 سائەتتە ئاندىن سىندا غىزانى بىراقلا يەپ تۈگىتىۋەتكەن بىر ئۈنۈم كۆرۈنىدىكەن.

ئاۋۋال يەپ ئاندىن قۇسۇش، بىر ياقتىن يەپ بىر ياقتىن قۇسۇشمۇ قۇرساق شاھلىرىنىڭ ئۆزىلا بىلىدىغان بىر ھىيلىسى ئىكەن. بۇنداق سىنلاردا قۇرساق شاھى ئالدىغا تىزىپ قويۇلغان 30 قاچا ئۈگرىنى ئۆزى بىراقلا يەپ تۈگىتىۋەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، باشقا بىر نۇقتىدىن ئېلىنغان سىنغا قارىساق، ئۇلار بىر ياقتىن ئېغىزىغا سالغان چۆپنى بىر ياقتىن ئۈستەل ئاستىغا قويۇلغان ئەخلەت ساندۇقىغا ياندۇرۇۋېتىدۇ.

 

3


ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان ھەم بەدەننى ئۇپرىتىدىغان بۇنداق ئەسەبىي ئىش ئادەمنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ!

ساغلام يېيىش-ئىچىش ئىدىيەسىدىن قارىغاندا، ھەددىدىن زىيادە يېيىش-ئىچىشنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىش، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار. ئۇزاق مۇددەت سۈنئىي ئۇسۇلدا ياندۇرۇش يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ھەزىم قىلىش مېخانىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 

ھەۋەسكارلار: كۆرۈرمەنلەرنىڭ بەزىبىر ھەۋەسلىرىنى دەپ بۇنداق ئەسەبىي يولغا مېڭىش ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئىش ئىكەن!

 

قۇرساق شاھلىرىنىڭ غىزالىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەسلىدە تاماشىبىنلارغا ئېسىل غىزالارنى ھەمبەھىرىلەش، خۇشاللىق ئاتا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەۋەسكارلارنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن، بۇنداق غىزانى كۆپلەپ يېيىش ئارقىلىق كۆزلەرنى جەلپ قىلىش جىسمانىي زەخىم ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە تور ئەھلىگە غىزانى ھەددىدىن زىيادە يېيىشتە ئۈلگە كۆرسىتىشتەك ناچار تەسىر بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.

مۇشۇ ھەپتىدە، سىن سۇپىلىرىنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە «قۇرساق شاھى» (大胃王) ۋە «غىزا يېيىشنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش» (吃播) دېگەن خەتنى كىرگۈزسەك، «لايىقىدا غىزالىنىش»، «ئىسراپچىلىقنى تۈگىتىش» قاتارلىق ئەسكەرتمىلەر كۆرۈنىدۇ. نۇرغۇنلىغان قۇرساق شاھى سىنلىرىنى ئىشلىگۈچىلەرمۇ «قۇرساق شاھى» دېگەن نامچىلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى ھەم ئىلگىرى يوللىغان قۇرساق شاھى سىنلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. ئىسراپچىلىق ئېغىر، ئىستېمالچىلارنى خاتا يولغا باشلىدى دەپ ئەيىبلىنىپ جامائەت پىكىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان قۇرساق شاھى سىنلىرىمۇ رەتكە سېلىندى.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاشكارىلاندى! بۇ قۇرساق شاھلىرىنىڭ ھىيلىسى مانا مۇنداق!

قۇرساق شاھلىرىنىڭ غىزالىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەسلىدە تاماشىبىنلارغا ئېسىل غىزالارنى