ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

30 مىڭ قوي چېگرادىن كىرىشنى ساقلىماقتا (ۋىدېيو)

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-17 16:26

 

يېقىندا ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان «تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگوغا ئىئانە قىلغان 30000 قويى» توغرىسىدا ئەڭ يېڭى خەۋەر تارالدى!

@خەلق تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىر كەچتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقى موڭغۇلىيە جۇڭگوغا ئىئانە قىلغان 30 مىڭ قوي 9-ئايدىن باشلاپ چارۋىچىلارنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىنىشقا باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر، بۇ 30 مىڭ قوي تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي گوبى ئۆلكىسى زامېنئۇد ناھىيەسىدىكى ئايرىش رايونىغا تولۇق يۆتكەپ بېرىلغان. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ قويلار ئايرىش رايونىدا 30 كۈن تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، تۈركۈمگە بۆلۈپ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە توشۇلىدىكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى نەچچە مىڭ قوي ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى دۆلىتىمىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن، ئاندىن يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئېرلىيەنخوت ئايرىش رايونىغا يەتكۈزۈلىدىكەن ھەم 14 كۈن ئىچىدە سويۇلىدىكەن.

تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى تۆۋەندىكى ۋىدېيودىن كۆرۈڭ

 

 

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

30 مىڭ قوي چېگرادىن كىرىشنى ساقلىماقتا (ۋىدېيو)

مۆلچەرلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى نەچچە مىڭ قوي ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى دۆلىتىمىزگە تاپشۇرۇپ