ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئىستېپا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-17 16:27

 

زۇڭتۇڭ جىيەنبېكوف 14-ئۆكتەبىر پارلامېنتتا قايتا سايلام ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى سىتامالىيېۋا شۇ جايدىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: جىيەنبېكوف 14-ئۆكتەبىر ئەمدىلا زۇڭلىلىققا سايلانغان جاپپاروف بىلەن كۆرۈشتى. جاپپاروف كۆرۈشۈشتە جىيەنبېكوفنىڭ شۇ كۈنى كەچتە ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سىتامالىيېۋا مۇنداق دېدى: "جىيەنبېكوف يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلىدىكى، ئۇنىڭ ھازىر زۇڭتۇڭلۇق ئورنىدىن ئايرىلىش ھوقۇقى يوق، چۈنكى بۇ دۆلەتكە پايدىسىز. ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ."، "جىيەنبېكوف ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئىزىغا سالغاندىن كېيىن، دۆلەت پارلامېنتى سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە يېڭى زۇڭتۇڭ سايلاشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىستىپا بېرىدۇ".

سايلامدىن چۈشۈپ قالغان بىر قىسىم پارتىيە 4-ئۆكتەبىردىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىدىن نارازى بولغاچقا، 5-ئۆكتەبىر پايتەخت بىشكەكنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى ئالاتاۋ مەيدانىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، سايلام نەتىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە نامايىشچىلار زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى ۋە پارلامېنت بىناسىغا بۆسۈپ كىردى ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىدى.  9-ئۆكتەبىر، قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى 6-نويابىرغىچە پارلامېنتنى قايتا سايلاش ۋاقتىنى بېكىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئىستېپا بەردى

زۇڭتۇڭ جىيەنبېكوف 14-ئۆكتەبىر پارلامېنتتا