ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چىڭداۋدىكى يۇقۇمنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-17 16:27

 

 

چىڭداۋدىكى يۇقۇمنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى!

شەندۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ما لىشىن 16-ئۆكتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چىڭداۋ شەھەرلىك كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى CT بۆلۈمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى قېلىپلاشمىغانلىقتىن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئىككى كىشى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارغا يۇقتۇرۇپ قويغان.

 

يۇقۇم كۈز ۋە قىش پەسىلىدە يەنە قايتا كۆرۈلەمدۇ؟ 

نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە يۇقۇم خەۋپى قانچىلىك؟ 

شەخسىي قوغدىنىشنى قانداق قىلغان ياخشى؟

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلىمى باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۇنيوۋ ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ سوئاللارنىڭ ئەڭ يېڭى جاۋابىنى بەردى.

ۋۇ زۇنيوۋ، ماتېرىيال سۈرەت. سۈرەت مەنبەسى: بىۋاسىتە كۆرسىتىش تورى

 

مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:

 

 

ئۈچ ھۆكۈم

 

 

 

 

▲ بۇ قېتىم چىڭداۋدا كۆرۈلگەن يۇقۇم يۇقۇمنىڭ كۈز، قىش پەسىلدىكى تارقىلىشى ئەمەس

نۆۋەتتىكى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ قېتىم چىڭداۋدا كۆرۈلگەن يۇقۇم ھەرگىزمۇ يۇقۇمنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك پارتلىشى ئەمەس، ئۇنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق ئارام بىلەنمۇ كۆرۈنەرلىك ئالاقىسى يوق.

 

▲ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە چىڭداۋغا كېلىپ-كەتكەنلەرنى تولۇق ئايرىۋېتىش، نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرتۈشى زۆرۈر بولغان ئەمەس

بۇ قېتىم چىڭداۋدا كۆرۈلگەن يۇقۇمدا، بىمارلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئاساسلىقى چىڭداۋ شەھەرلىك كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا بولغان. مۇتلەق كۆپ سانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ دائىرىدىكى بىمارلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش پۇرسىتى يوق. ناۋادا ھەقىقەتەن گۇمان بولسا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈپ باقسا بولاتتى.

 

▲ دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھېلىھەم يۇقىرى پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقۇم بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئاساسەن دېگۈدەك تۈز سىزىقتا ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى:

3-ئاينىڭ ئاخىرى دۇنيا بويىچە كۈنلۈك دوكلات قىلىنغان بىمار سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى؛

5-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، دۇنيا بويىچە كۈنلۈك دوكلات قىلىنغان بىمار 100 مىڭدىن ئاشتى؛

7-ئاينىڭ باشلىرىدا كۈنلۈك دوكلات قىلىنغان بىمار سانى 200 مىڭدىن ئاشتى؛

9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، كۈندىلىك دوكلاتنىڭ كۆپىنچىسى بىمار سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى؛

10-ئاي يېرىملاشقان بۇ ۋاقىتتىمۇ، كۆپلىگەن كۈندىلىك دوكلاتنىڭ كۆپىنچىسىدە بىمار سانى 350 مىڭدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندىلىك دوكلاتتىكى بىمار سانى 380 مىڭغا يىتىشتەك يېڭى پەللە كۆرۈلدى.

سۈرەت: دۇنيا بويىچە كۈندىلىك يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سېخىمىسى. سۈرەت مەنبەسى: ئامېرىكا جون خوپكىنس داشۆسى

 

لېكىن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىكى تارقىلىش شەكلى ئوخشاش ئەمەس. بەزى دۆلەتلەردە يۇقۇم بىمارلىرى سانىنىڭ سىزىق شەكلى ئېشىش شەكلىدە، بەزى دۆلەتلەردە بولسا تۆۋەنلەپ ئاندىن ئۆرلەش شەكلىدە.

 

 

 

تۆت تەكلىپ

 

 

 

 

دۇنيا ھېلىھەم يۇقۇم كەڭ ئەۋج تارقىلىۋاتقان يۇقىرى پەللىدە تۇرۇۋاتقان، بولۇپمۇ كۈندىلىك دوكلات قىلىنغان بىمار سانى يەنىلا ئېشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، بىز تېخىمۇ بوشىشىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. جايلار تۆۋەندىكى بىر قانچە خەۋپلىك نۇقتىغا قاراپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دىققەت قىلسا بولىدۇ:

▲ دوختۇرخانىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتە

بىمار رايونىنى ئايرىۋېتىشكە دىققەت قىلىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىش كېرەك. چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمارنى بالنىستقا ئېلىپ داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەتتىكى باشقا بىمارلارغىمۇ مۇلازىمەت قىلىدىغان دوختۇرخانىلاردا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى بىلەن باشقا بىمارلارنى كۆرىدىغان رايوننى قەتئىي ئايرىۋېتىش، چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

▲ چېگرا سىرتىدىن كىرىش جەھەتتە

توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى توشۇش، ساقلاش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلاردا ۋىرۇس تەكشۈرۈشكە ۋە كەسىپكار خادىملار قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىشقا دىققەت قىلىش. سوغۇق يېمەكلىك زەنجىرسىمان كەسپىدە مۇھىت ئامىلى جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە خىزمەتچىلەر نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈش ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم بولۇش كېرەك.

▲ تەجرىبىخانىدىكى ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە

بەلگىلىمە بويىچە تەجرىبە مەشغۇلاتلىرىنى ياخشى قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە يېپىق ھالقىلار تولۇق يېپىق ھالەتتىمۇ قانداق، يەنە باشقا يوشۇرۇن خەۋپ بارمۇ-يوق، جايلار بۇ نۇقتىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشى، يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىشى كېرەك.

▲ خۇسۇسىي قوغدىنىش جەھەتتە

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئېڭىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك. ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ماسكا تاقاش، قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئارىلىق ساقلاش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم. كۆپچىلىك ھەر ۋاقىت يېنىدىن ماسكا ئايرىماسلىقى، ئادەم كۆپ، ھاۋا ئوبدان ئۆتۈشمەيدىغان جايدا جەزمەن ماسكا تاقىشى كېرەك.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چىڭداۋدىكى يۇقۇمنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى!

شەندۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،