ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يەردە بىر كېسەللىك ئالامىتى يوق بىمار بايقالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-17 16:29

 

 

تۈنۆگۈن، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ خۇادۇ رايونلۇق سەھىيە ساغلاملىق ئىدارىسى سىرتقا 15-ئۆكتەبىر، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ خۇادۇ رايونىدىكى چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەرنى ئايرىپ كۆزىتىدىغان مېھمانخانىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە قارىتا قەرەللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن بىرسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى قەدەمدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلدى.

 

بۇ بىمار چېگرادىن سىرتىدىن كىرگەنلەرنى ئايرىپ كۆزىتىدىغان مېھمانخانىنىڭ قارا خىزمەتچىسى ئىكەن

 

خۇادۇ رايونلۇق سەھىيە ساغلاملىق ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ۋاڭ فامىلىلىك ئەر، 40 ياش، گۇاڭجۇ شەھىرى خۇادۇ رايونىدىكى چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەرنى ئايرىپ كۆزىتىدىغان مېھمانخانا شىنيۈەن مېھمانخانىسىنىڭ قارا خىزمەتچىسى ئىكەن، ئۇ ئادەتتە بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقىدا تۇرىدىغان بولۇپ، 5-ئۆكتەبىر نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان.

15-ئۆكتەبىر، گۇاڭجۇ شەھىرى خۇادۇ رايونى يەنە بىر قېتىم مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىنى تەكشۈرگەندە، ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلىقتىن، گۇاڭجۇ شەھەرلىك 8-خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن، نۆۋەتتە قىزىش، يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن.

 

68 يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ئايرىۋېتىلدى

 

شۇ كۈنى كەچتە، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ خۇادۇ رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئېپىدېمىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، ھازىر بۇ بىمار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان 68 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى ئايرىپ تېببىي كۆزەتمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدىكى 66 ئادەمنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي. ئىككى ئادەمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى تېخى چىقمىغان.

نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلار ۋاڭXXنىڭ ھەرىكەن قىلغان سورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرمەكتە، ئالاقىدار ئۇچۇرلار جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يەردە بىر كېسەللىك ئالامىتى يوق بىمار بايقالدى

تۈنۆگۈن، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ خۇادۇ رايونلۇق سەھىيە