ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىمارلار"ئۆلۈمنى ساقلاۋاتىدۇ"؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 09:15

 

11-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 16دىن 27 ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 11163990غا يەتكەن، ئۆلۈپ كەتكەن بىمار 246953گە يەتكەن.

16-نويابىر، ئامېرىكا «نىيۇيورك پوچتا گېزىتى» تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر سېسترانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەھۋالى ئېغىرلاشقان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئېغىر كېسەللەر مەخسۇس ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇلىدىكەن ھەم بۇ يەردە «ئۆلۈمنى كۈتىدىكەن»، دېدى.

 

 

«<ئازگال>غا كىرگەنلەرنىڭ ھېچقايسى تىرىك چىقالمايدۇ»

رىۋېرس ئىسىملىك بۇ سېسترانىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان ئېلپاسو داشۆسى تېبابەت مەركىزىدە «ئازگال» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۆي باركەن، كېسىلى ئېغىر بىمارلار بۇ يەردە ناھايىتى ئاز داۋالاشتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

رىۋېرسنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇرخانىدا بىمار بەك كۆپ بولغاچقا، ئۇ ھەم باشقا سېسترالارغا، «ئازگال»دىكى بىمارلارغا ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغىچە، پەقەت ئۈچ قېتىملا يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئىشلەيسىلەر دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. بۇ بىمارلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان نورمال تىرىشچانلىقتىن خېلىلا ئاز ئىكەن.

رىۋېرس:بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ يەردىكى دوختۇرلار بىمارلارنى ئاكتىپ داۋالىمايدۇ. نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۆزۈمنى بىر قېتىم ئۆلۈپ بولغاندەك ھېس قىلىمەن، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم تۈگىشىپ كېتىدىكەن. ئۇلار ماڭا، «ئازگال»غا كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى تىرىك چىقمايدۇ دېدى.

 

ئەلپاسو داشۆسى تېبابەت مەركىزى رىۋېرسنىڭ شىكايىتىگە قارىتا بىر بايانات ئېلان قىلىپ: ئۇلار داۋالاش خادىملىرىغا ھېسداشلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، «رىۋېرسنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى پۈتۈنلەي دەلىللەشكە ئامال يوق»دېگەن.

«نىيۇيورك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدە، ئەلپاسو تېكساس ئىشتاتىدىكى يۇقۇم ئەڭ ئېغىر شەھەرلەرنىڭ بىرى، دېيىلدى.

 

 

ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسى: ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتات مۇشۇنداق «ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىۋەرسە» يۇقۇمنىڭ كونتروللۇقى يوقىلىدۇ

نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتتىن 49ى قىزىل رەڭلىك يۇقۇم ئېغىر رايون قاتارىغا كىردى. تېكساس ئىشتاتى ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى مىليوندىن ئاشتى.

ئۆتكەن ھەپتە، ئورگون ئىشتاتى، ۋاشىنگتون ئىشتاتى، مىچگان ئىشتاتى، كالىفورنىيە ئىشتاتى ۋە نىيۇيورك ئىشتاتى ئارقا-ئارقىدىن يۇقۇم مۇداپىئە تەدبىرىنى چىڭىتقانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن، ئامېرىكا «سىياسىي گېزىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىدىن چىققان ئىشتات باشلىقى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان 16 ئىشتات پۈتۈن ئىشتاتتا ماسكا تاقاش بۇيرۇقىنى يولغا قويمايدىغانلىقىنى ھەمدە سودا ۋە ئاممىۋى يىغىلىش قاتارلىقلارغا يېڭى چەكلىمە بەلگىلەشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى ئامالسىزلىقتىن، ناۋادا 50 ئىشتات مۇشۇنداق ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىدىغان ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئامېرىكىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ يەرشارى سەھىيە سىياسىتى مۇتەخەسسىسى ۋان گۇپتا:50 ئىشتات «ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىۋەردى»، بەزىلىرى ھەتتا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. ناۋادا ئۇلار ھېچقانداق مۇداپىئە تەدبىرى قوللانمىسا ياكى ھېچقانداق بىر ئىجابىي تەدبىر قوللانمىسا، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، بىز يۇقۇمنى تىزگىنلىيەلمەيمىز. بىز بىرلىككە كەلگەن بىر تەدبىرگە موھتاج.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىمارلار"ئۆلۈمنى ساقلاۋاتىدۇ"؟

11-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 16دىن 27 ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 11163990غا يەتكەن، ئۆلۈپ كەتكەن بىمار 246953گە يەتكەن.