ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزى قۇرۇلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-21 09:56

 

ئەسلىي تېمىسى: شىنجاڭدا جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ

سۈرەت: جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمى 18-نويابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). 

 18-نويابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ  داۋالاش مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشقۇرۇش» بىر گەۋدە قىلىنغان داۋالاش مەركىزى بولىدىكەن. ئۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى مۇكەممەللىشىدىكەن. 

ئۇزۇندىن بۇيان جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ كەلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى داۋالاش مەركىزىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى بولغان جۇڭشەن داشۆسى سۈن يىشيەن خاتىرە دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن تيەنشىن مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى، بۇ يىلقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا ئاممىۋى سەھىيە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى ئاشكارىلاندى.» 

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى تاڭ شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: «قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئىككى دوختۇرخانىنى قۇرغۇچى ۋە ئاساسى ئورۇن قىلغان، جۇڭشەن داشۆسى قارمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا، بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى، فۇدەن داشۆسى قارمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى، شەندۇڭ داشۆسى چىلۇ دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارنى ئاساسىي نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى دوختۇرخانا قىلغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزى قۇرۇش دەل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ». 

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىدا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئۇنى داۋالاش ئاساس قىلىنىپ، باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالاش قوشۇمچە قىلىنىدىكەن. تەسىس قىلىنغان تۈرلەر داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

لىن تيەنشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇشتا، شۇ جاينىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا باشقا كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلىك، شەھەرلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ياردىمىدە، شۇ جايدا داۋالاش، پەن-تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىلگىرىلەش بولىدۇ. شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ».

سۈرەت: جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى 18-نويابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېرزات زادا مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دۆلىتىمىزدىكى ئېغىر نامرات «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ بىرى بولۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بىر قەدەر ئېغىر. قۇرۇلۇشى قېلىپلاشقان، ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان يۇقۇملۇق كېسەل دوختۇرخانىسى شۇ جايدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاش، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتىلا كېسەل كۆرسىتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، 1300 كارىۋات تەسىس قىلىنىدىكەن، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملىنىدىكەن. 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشقا 21 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بىر يىلدا تاماملاش پىلانلىنىپتۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزى قۇرۇلىدۇ

ئەسلىي تېمىسى: شىنجاڭدا جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ