ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ئىشتاتلىرى زەھەرنى قانۇنىيلاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-21 09:56

 

يېقىندا، ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى زەھەر باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى بوشىتىپ، كوكائىن، خېروئىن قاتارلىق كوچىلاردىكى زەھەرلەرنى ئاز مىقداردا ئېلىپ يۈرۈشنى قانۇنىيلاشتۇرغان تۇنجى ئىشتات بولۇپ قالدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكىنىڭ باشقا كۆپلىگەن ئىشتاتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن نەشىنى قانۇنىيلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ زەھەر چەكلەش يولى يەنە بىر قېتىم خىرىسقا دۇچ كەلدى.

 

 

 

ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ئىشتاتلىرى زەھەرنى قانۇنىيلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى

يېقىندا ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى بىلەن ۋاشىنگتون ئىشتاتى كوكائىن، خېروئىن، «خىيالىي سېزىم پەيدا قىلغۇچى گۈمبەمەدەك» قاتارلىق قاتتىق ھالەتتىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئاز مىقداردا ساقلاشنى قانۇنىيلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەگەر پۇقرالارنىڭ قولىدا بىر گىرامدىن ئاز خېروئىن ياكى باش گىلدىڭلىتىش كۇمىلىچى، ئىككى گىرامدىن ئاز كوكائىن، 12 گىرامدىن ئاز پىسىلوتسىن، 40 تالدىن ئاز خىيالىي سېزىم پەيدا قىلغۇچى دورا (LSD)، گىدروكسى كېتون ياكى مېتادون بولسا جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ قارالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا 100 ئامېرىكا دوللىرىلا جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارىزونا ئىشتاتى، مونتانا ئىشتاتى، جەنۇبىي داكوتا ئىشتاتى، يېڭى جېرسىي ئىشتاتى ۋە مىسسىسىپى ئىشتاتىمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەشىنى قانۇنىيلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پەقەت 15 ئىشتاتلا نەشىنى ئىلكىدە تۇتۇشنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دەپ قارايدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر: ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر چېكىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن يول ئېچىپ بەرگەنلىك

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىغۇچىلار: زەھەرنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە قوشۇمچە باج كىرىمى ئېلىپ كېلەلەيدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتلەر ئۇنى زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىلگىرىكى جازالاش خاراكتېرلىك زەھەر چەكلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك، ساغلاملىق يۆنىلىشىگە قاراپ ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق، ئامېرىكىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان زەھەر مەسىلىسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىغان.

بۇنىڭغا قارىتا، ئورېگون ئىشتاتىدىكى كۆپلىگەن تەپتىش ئەمەلدارلىرى: بۇ قانۇن لايىھەسى تەپ تارتماستىن زەھەرنى قانۇنىيلاشتۇردى، بۇنداق بولغاندا ياش-ئۆسمۈرلەر زەھەرگە تېخىمۇ ئاسان ئېرىشەلەيدۇ، نەتىجىدە تېخىمۇ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارىدى.

ئورېگون ئىشتاتى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئورېگونلىقلارنى ئازدۇردى ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر چېكىشىگە قارىتىلغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ياشلارنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىشى، ھەتتا قانۇنسىز زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن يول ئېچىپ بەردى.

دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن 700 مىڭ ئادەم ئۆلدى

2018-يىلى ئامېرىكىدا 15 مىڭغا يېقىن ئادەم خېروئىن قاتارلىق زەھەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئامېرىكىدا زەھەرنى زىيادە چېكىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى زور مىقداردا ئاشقان. ئايرىم رايونلاردا، مەسىلەن ئورېگون ئىشتاتى ۋە ۋىرگىنىيە ئىشتاتى قاتارلىقلاردا بۇ يىل 2-پەسىلدە زەھەرنى زىيادە چېكىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70 كە يېقىن ئاشقان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى ئىستاتىستىكا قىلىش مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، 2000-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىدا دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر 700 مىڭغا يەتكەن.

قانۇنسىز دورا ۋە رېتسېپلىق ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنى زىيادە ئىشلىتىش ئامېرىكىدىكى 45 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دورا شىركەتلىرى تېببىي ساھەگە بىمارلارنىڭ رېتسېپلىق ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىغا خۇمار بولۇپ قالمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. نەتىجىدە بۇ دورىلار يۇقىرى دەرىجىدە خۇمار قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىشتىن بۇرۇن كەڭ كۆلەمدە يۆتكەلگەن ۋە قالايمىقان ئىشلىتىلگەن. ھالبۇكى، رېتسېپلىق ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەن  %6~%4 كىشى بارا-بارا خېروئىن ئىستېمال قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ زەھەر چەكلەش ھەرىكىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، زەھەر چېكىش ئامېرىكا ياشلىرى ئارىسىدا مودا بولدى. 1971-يىلى، شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نېكسون «زەھەرگە قارشى كۈرەش» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى ھەمدە پارلامېنتتىن 84 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. 1973-يىلى ئامېرىكا زەھەر چەكلەش مەھكىمىسى قۇرۇلدى.

1986-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى زەھەرنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، زەھەر جىنايىتىگە مەجبۇرىي جازا ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

40 نەچچە يىلدىن بۇيان، زەھەر چەكلەش كۈرىشى ئامېرىكىنى تەخمىنەن بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيانغا ئۇچراتتى. ئەمما، «زەھەر چەكلەش كۈرىشى» بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەسىلەن، بۇ جەڭدە ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىنمىدى. كاتو تەتقىقات ئورنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: زەھەر جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرگەن قارا تەنلىكلەرگە قويۇلغان جەرىمانە ئاق تەنلىكلەرگە قويۇلغان جەرىمانىنىڭ 13 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ نەشە ئىشلىتىپ تۇتۇلۇش نىسبىتى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ تۇتۇلۇش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، زەھەر يەنە ئېغىر چىرىكلىك مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى. ئامېرىكىنىڭ زەھەر چەكلەش يولى ئىنتايىن جاپالىق يول.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ئىشتاتلىرى زەھەرنى قانۇنىيلاشتۇردى

يېقىندا، ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى زەھەر باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى بوشىتىپ، كوكائىن، خېروئىن قاتارلىق كوچىلاردىكى زەھەرلەرنى ئاز مىقداردا ئېلىپ يۈرۈشنى قانۇنىيلاشتۇرغان تۇنجى ئىشتات بولۇپ قالدى.