ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

4+2+1 يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-21 15:21

 

ئەسلىي تېمىسى: تيەنجىن ۋە شاڭخەيدە يېڭىدىن يەرلىك بىمار بايقالدى! جاڭ ۋىنخۇڭنىڭ بۇ سۆزى چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ

يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان تيەنجىن ۋە شاڭخەيدە ئۇدا يېڭى يەرلىك بىمار دوكلات قىلىندى

تيەنجىن

1.يەنە بىر يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، ئۇ تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان تاسما بېلىقتىن يۇقۇملانغانلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان

20-نويابىر سەھەر سائەت 2دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، تيەنجىن شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېڭىدىن تۆت يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى، بۇ بىمارلارنىڭ ھەممىسى دۇڭجياڭ باجدىن خالىي پورت رايونى كەنخەيشۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىنادا ئولتۇرىدىغان ۋە ئىشلەيدىغان كىشىلەر ئىكەن (ئىلگىرىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تيەنجىندىكى بىر جاي يۇقىرى خەتەرلىك رايونغا ئايلاندى، ئولتۇراق رايوندا يېڭىدىن تۆت يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋە شەھەر باشلىقى كېچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ باردى). 21-نويابىر تاڭ سەھەردە، تيەنجىندە يەنە بىر يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى.

تەپسىلاتى مۇنداق: ياڭ X، ئەر، 52 ياش، تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى گۇلىن كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق، بىنخەي يېڭى رايونى نەنگاڭ سانائەت رايونىدىكى مەلۇم ئىدارىدە خىزمەت قىلىدۇ، دۇڭلى شىنخۇيياڭ توڭلىتىش ئىسكىلاتىدىكى نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان تاسما بېلىقتىن يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان. 10-نويابىر ئايرىش نۇقتىسىدا ئىككىنچى قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان ۋە دەرھال شەھەردىكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، تيەنجىن شەھىرىدىكى 145-يەرلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويغان (كېسەللىك تىپى ئادەتتىكى تىپ).

2.مەلۇم يەسلىدىن يېغىۋېلىنغان نۇكلىئېك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىلمەكتە

20-نويابىر كەچتىكى «خەۋەرلەر 1+1» پىروگراممىسىدا تيەنجىن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خەن جىنيەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرى 20-نويابىر ياڭ X نىڭ قىز نەۋرىسى ئوقۇيدىغان يەسلىدە ئەۋرىشكە يىغىپ تەكشۈرۈگەندە، يەسلى مۇھىتىدىن ئېلىنغان مەلۇم ئەۋرىشكىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، كېيىنكى قەدەمدە مۇشۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن يۇقۇم مەنبەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلىدىكەن.

نۆۋەتتە يەسلى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىلىۋېتىپتۇ، يەسلى مۇھىتىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەر داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. 20-نويابىر سەھەردە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ياڭ X نىڭ قىز نەۋرىسىنىڭ نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مەنپىي چىققان، ئۇنىڭدا قىزىش، يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن.

3.يۇقۇم مەنبەسى ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، نۆۋەتتە 4400 دىن ئارتۇق ئادەم مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىلمەكتە

تيەنجىن دۇڭجياڭ باجدىن خالىي پورت رايونى كەنخەيشۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بەش بىمار ۋە ئۈچ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى بايقالدى، نۆۋەتتە بۇ ئولتۇراق رايون خەتىرى يۇقىرى رايون قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ سەككىز ئالاقىدار بىمار ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارمۇ-يوق؟ خەن جىنيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ سەككىز بىمارنىڭ تۆتى 4-بىنانىڭ ئوخشىمىغان قەۋەتلىرىدە ئولتۇرىدۇ، قالغان تۆتى 19-بىنانىڭ ئوخشىمىغان قەۋەتلىرىدە ئولتۇرىدۇ؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئۈچى خىزمەتداش بولۇپ، ئوخشاشلا ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق يېمەكلىكلەر كەسپىي بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار، بۇ سەككىز بىمارنىڭ ئۈچى بىر ئائىلە كىشىلىرى. ھازىر تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك «ئادەم» ۋە «نەرسە»لەرنى چۆرىدەپ تېگى-تەكتى سۈرۈشتۈرۈلىۋاتىدۇ، ئورتاق يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

شاڭخەي

20-نويابىر كېچىدە، شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېڭىدىن ئىككى يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. 1-بىمار ئەر، 39 ياش؛ 2-بىمار ئايال، 34 ياش، ئىككىيلەن ئەر-خوتۇن. نۆۋەتتە شاڭخەي شەھىرى ۋە شەھەرگە قاراشلىق ھەرقايسى رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە مۇھىتقا قارىتا مۇناسىپ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

مۇخبىرنىڭ كۆزىتىشىچە، 13 كۈن بۇرۇن، يەنى 9-نويابىر شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدا يېڭىدىن بىر يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇ پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك توشۇش ئىشچىسى ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىشى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرى ۋە بازاردىكى خادىملار بولۇپ جەمئىي 26 كىشى ئايرىۋېتىلگەن، پۇدۇڭ يېڭچيەن كەنتى خەتەرلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن.

20-نويابىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى بىمار 9-نويابىر بايقالغان بۇ بىمار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ-ئەمەسمۇ؟ نۆۋەتتە بۇ ھەقتە ئىشەنچلىك خەۋەر يوق.

 

 

جاڭ ۋېنخۇڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «يېڭى نورمال ھالەت»تىكى «يۇقۇمنى ھەرىكەتچان تازىلاش تاكتىكىسى»غا ئادەتلىنىش كېرەك.

 

 

مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە،  9-نويابىر شاڭخەي يېڭىدىن بىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارنى دوكلات قىلغاندىن كېيىن، 10-نويابىر، شاڭخەي فۇدەن داشۆسى قارمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېنخۇڭ شەخسىي بىلوگىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «پۈتۈن دۇنيادا يۇقۇم يامرىغان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشنى توختاتمىغۇچە، ھەر ۋاقىت ئەشيا ئوبوروتى ۋە كىشىلەر ئالاقىسى جەريانىدا يۇقۇم تارقىلىپ كىرىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ چېگرادىن كىرىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ۋە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شاڭخەيدە، بولۇپمۇ شاڭخەينىڭ مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى زور بولۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر ئىزچىل مەۋجۇت».

ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: «كۆپچىلىكنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسىغا («يېڭى نورمال ھالەت»تىكى «يۇقۇمنى ھەرىكەتچان تازىلاش تاكتىكىسى»غا) بارغانسېرى ئادەتلىنىشى، تاسادىپىي كېسەللەر پەيدا بولغاندا، نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

4+2+1 يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

ئەسلىي تېمىسى: تيەنجىن ۋە شاڭخەيدە يېڭىدىن يەرلىك بىمار بايقالدى! جاڭ ۋىنخۇڭنىڭ بۇ سۆزى چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ