ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ رايونلاردىن ئۈرۈمچىگە بارغانلار ئايرىپ كۆزىتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:17

 

ئۈرۈمچىنىڭ سىرتتىن كەلگۈچىلەرگە قاراتقان ئەڭ يېڭى سىياسىتى: بېيجىڭنىڭ شۈنيى رايونى، لياۋنىڭ ۋە خېبېيدىن بارغانلار ئايرىۋېتىلىدۇ

چاغانلىق يولۇچى توشۇش يېقىنلىشىپ قالدى. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئارقا-ئارقىدىن تەتىلگە قويۇپ بەرمەكتە. نۇرغۇن كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۇرتىغا قايتقۇچىلارغا قانداق سىياسەت قوللىنىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورىماقتا.

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىچكىرى رايونلاردىن ئۈرۈمچىگە بارغانلارغا تۆۋەندىكىدەك سىياسەت قوللىنىلىدىكەن: خېبېي، لياۋنىڭدىن ئۈرۈمچىگە بارغانلار ئايرىۋېتىلىدىكەن؛ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بارغانلار بىرتۇتاش نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەردىن باشقا، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى نورمال بولغانلار ئىچىدە شۈنيى رايونىغا بارغانلار بولسا، مەركەزلىك ئايرىۋېتىلىدىكەن. شۈنيى رايونىدىن باشقا جايلاردىن بارغانلارنى تۇرۇشلۇق مەھەللە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنامە ئىمزالاپ، ۋاقتىدا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرىدىكەن، ئائىلىدە ئايرىش ياكى ئايرىماسلىقنى مەھەللە كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم قىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، خېيلۇڭجياڭنىڭ يۇقۇم رايونىدىكى شەھەرلەردىن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ مانجۇلىدىن بارغانلارمۇ ئايرىۋېتىلىدىكەن. يۇقىرىقىلاردىن باشقا رايونلاردىن بارغانلار راۋان يۈرۈش كودى، ساغلاملىق كودى يېشىل رەڭدە بولسا نورمال يۈرۈۋەرسە بولىدىكەن.

شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلارغا ئەڭ يېڭى ئەسكەرتىش

 

ئۈرۈمچى بارغاندا زادى نېمىلەرنى كۆرسىتىمىز؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سوئالنى دوستلار چەمبىرىكىدە سورىدى. بۈگۈن بىز ئۈرۈمچىگە بارغاندا نېمىلەرنى كۆرسىتىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەلەپلەرنى رەتلەپ چىقتۇق:

 

ئۈرۈمچى شەھىرى راۋان يۈرۈش كودى

 

ئالاقە چوڭ سانلىق مەلۇمات يۈرۈش كارتىسى

 

ئۈرۈمچىگە كىرىپ چىققۇچىلار مۇلازىمەت كۆرسەتمىسى (خۇڭسەن كودى)

 

دۆلەت مەمۇرىي مۇلازىمەت سۇپىسى (يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق كودى)

 

بۇنى ساقلىۋېلىڭ! 

جىددىي ئەھۋالدا ھودۇقۇپ قالمايسىز!

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى ئۇزۇن بېسىپ ئۈندىدارىڭىزغا تونۇتۇڭ، ئاندىن «出行码» دەپ كىرگۈزسىڭىز ھەقسىز ساقلىۋالالايسىز.
«核酸» دەپ كىرگۈزسىڭىز نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش دوكلاتىڭىزنى ھەقسىز سۈرۈشتۈرەلەيسىز.

ناۋادا بىرسى سىزدىن، ئۈرۈمچىگە بارساق نېمىلەرنى كۆرسىتىدىكەنمىز دەپ سوراپ قالسا، ئۈندىدارىڭىزغا ساقلىۋالغان بۇ مەزمۇننى يوللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. تارقىتىپ قويۇڭ!

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    بۇ رايونلاردىن ئۈرۈمچىگە بارغانلار ئايرىپ كۆزىتىلىدۇ

    ئۈرۈمچىنىڭ سىرتتىن كەلگۈچىلەرگە قاراتقان ئەڭ يېڭى سىياسىتى: بېيجىڭنىڭ شۈنيى رايونى، لياۋنىڭ ۋە خېبېيدىن بارغانلار ئايرىۋېتىلىدۇ