ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ئەملەتمەسلىك توغرىسىدا ئىككىلىنىۋاتامسىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:19

دۆلىتىمىز 2020-يىل 15-دېكابىردىن باشلاپ نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. 2021-يىلى 9-يانۋار، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، دۆلىتىمىز جەمئىي 9 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملىدى، بۇنىڭدىن دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

نۆۋەتتە، يەنىلا بىر قىسىم ئامما ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن ناچار تەسىر پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، ۋاكسىنا ئەملىتىش-ئەملەتمەسلىك ئۈستىدە ئىككىلەنمەكتە. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن قانداق ناچار تەسىرلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟ ۋاكسىنا ئەملەشتە قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟ قېنى ئەمىسە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارغا بىرلىكتە نەزەر سالايلى:

 

 

 

ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن قانداق ناچار تەسىرلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن دائىم كۆرۈلىدىغان ناچار تەسىرلەر باشقا ۋاكسىنىلاردا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئاساسلىق ئىپادىلىرى:

 ◆ ئەملەنگەن ئورۇن قىزىرىپ ئىششىش، قېتىپ قېلىش، ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار، قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئىپادىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، قىزىش قىسقا مەزگىللىك بولۇپ، يۇقىرى قىزىتما ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئەگەر تۆۋەن قىزىتما ئالامىتى كۆرۈلسە قىسقا ۋاقىتتا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

 ◆ بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا ئاللېرگىيەلىك شوك بولۇپ قېلىشتەك نورمالسىز رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ، لېكىن بۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن. نۆۋەتتە باشقا ئېغىر ئەھۋاللار، بولۇپمۇ ھايات بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغان رېئاكسىيە كۆرۈلمىدى.

 

 

 

ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن قانداق ئەھۋال كۆرۈلسە دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟

 

ئەگەر قىزىتما 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىش ياكى ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئورۇن قىزىرىپ ئىششىش ئېغىر بولۇش، ئىششىق 2.5 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىش، بەدىنى بەك بىئارام بولۇش، كېسەللىك ھالىتى داۋاملىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ دىياگنوزىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

 

 

ئىلگىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار يەنە ۋاكسىنا ئەملىتەمدۇ؟

 

ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى ياكى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلارغا نۆۋەتتە ۋاقتىنچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

پەقەت يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ياكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىق بولمىسىلا، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلەرگە ۋاكسىنا ئەملەشكە بولىدۇ، ئانتىتېلا مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئالدىن تەكشۈرۈش ھاجەتسىز.

 

 

ھازىر ئەملىنىۋاتقان ۋاكسىنا ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئۈنۈمىنى يوقاتتىمۇ؟

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئەنگلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئەملىنىۋاتقان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈمىنى يوقاتقانلىقى توغرىسىدا ئىسپات يوق. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ھەر يىلى ئەملىنەمدۇ ـ يوق، بۇ مەسىلىنى نۆۋەتتە داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

 

 

ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى قانچىگە يەتكەندە كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟

 

كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت ۋاكسىنىنىڭ مۇداپىئە كۈچى، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇش كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، شۇنچە يۇقىرى كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت كۈچى زۆرۈر بولىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئىقتىدار قىممىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك فورمۇلالار ئارقىلىق كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت، يەنى ئىممۇنىتېت توسۇقى شەكىللەندۈرۈشتە زۆرۈر بولغان ئەملەش نىسبىتىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن %66 ئادەم ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئەمما ۋاكسىنىنىڭ مۇداپىئە قىلىش نىسبىتى %100 ئەمەس، ھازىر دۆلىتىمىز تەستىقلىغان تۇنجى ۋاكسىنىنىڭ مۇداپىئە قىلىش نىسبىتى تەخمىنەن %79 بولۇپ، %66 كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئەملەشكە توغرا كېلىدۇ.

ھېسابلاش ئارقىلىق، تەخمىنەن %85 كىشىگە ۋاكسىنا ئەملىگەندە ئاندىن كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

 

بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى قانچە قېتىم ئۇرغۇزۇش كېرەك؟ 

قايسى كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ؟ ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ماسكا تاقىماي يۈرسە بولامدۇ؟

تۆۋەندە بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر ئارقىلىق بۇ ئەھۋاللارنى بىرلىكتە بىلىپ  باقايلى:

↓↓↓

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى قانچە قېتىم ئەملىنىدۇ؟

تەۋسىيە قىلىنغان ئىممۇنىتېت تەرتىپى ئىككى قېتىم بولۇپ، ئىككى قېتىملىق ئەملەشتە ئاز دېگەندە 14 كۈن ئارىلىق قالدۇرۇش كېرەك، ۋاكسىنا بىلەكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇلغا ئۇرۇلىدۇ.

 

 

 

قايسى كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ؟

ۋاكسىنا ئەملىنىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپى: سوغۇق ساقلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرىدىغان، كارانتىن قىلىدىغان خادىملار؛ پورتلاردىكى يۈك توشۇيدىغان، قاچىلايدىغان خادىملار، قاتناش-تىرانسپورت خادىملىرى؛ چېگرادىن چىقىپ خىزمەت قىلىدىغانلار، ئوقۇيدىغانلار؛ چېگرا ئېغىزلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار؛ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، مەھەللە قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خادىملار؛ سۇ، توك، پار، كۆمۈر، گاز بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك خادىملار؛ ئەشيا ئوبوروتى، كۈتۈنۈش، مۇھىت ئاسراش، دەپنە ئىشلىرى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك خادىملار.

 

ۋاكسىنا ئەملەش شەرتىگە توشىدىغان كىشىلەر: ۋاكسىنا سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەملەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ. بېيجىڭنى مىسالغا ئالساق، 2021ـ يىلى چاغاندىن بۇرۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى تاماملىنىدۇ، چاغاندىن كېيىن باشقا كىشىلەرگە ئەملىنىدۇ.

 

 ۋاكسىنا ئەملەش يېشى: ھازىرچە 18 ياشتىن 59 ياشقىچە ئارىلىقتىكىلەر ئەملەتسە بولىدۇ.

 

 

 

قانداق كىشىلەر ئەملەتسە بولمايدۇ؟

 

ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، قىزىش، ياللۇغلىنىش قاتارلىق جىددىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈۋاتقانلار، ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى بار ياكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلەر، ئېغىر بۆرەك - جىگەر كېسىلى، دورا ئارقىلىق كونترول قىلغىلى بولمايدىغان يۇقىرى قان بېسىمى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلى بارلار. 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى باشقا ۋاكسىنىلار بىلەن بىللە ئەملەشكە بولامدۇ؟

ۋاقتىنچە باشقا ۋاكسىنىلار بىلەن بىللە ئەملەش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

 

 

 

ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ئانتىتېلا قانچە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ؟

 

ھازىرقى پاكىتلاردىن ۋاكسىنا ئەملىنىپ ئالتە ئايدىن كېيىنمۇ ئانتىتېلانىڭ يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن تەلەپكە يەتكەن. 

ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ماسكا تاقىمىسىمۇ بولامدۇ؟

ئاز بىر قىسىم كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن يېتەرلىك مۇداپىئە كۈچىنى كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت توسۇقى شەكىللەنمىگەن ئەھۋالدا يەنىلا ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشتەك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قوللىنىش كېرەك. 

 

 

 ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن يەنە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

 

ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى مۇئەييەن دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ۋاكسىنىنىڭ مۇداپىئە قىلىش ئۈنۈمى 100 پىرسەنتكە يەتمەيدۇ، شۇڭا زۆرۈر بولغاندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە داۋاملىق ماسلىشىش كېرەك. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ئەملەتمەسلىك توغرىسىدا ئىككىلىنىۋاتامسىز؟

دۆلىتىمىز 2020-يىل 15-دېكابىردىن باشلاپ نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى.