ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شەندۇڭنىڭ يەنتەيدىكى بىر ئالتۇن كاندا پارتلاش يۈز بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:20

11-يانۋار كەچ سائەت 8 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھەرلىك پارتكوم چىشيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالدى، دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 10ـ يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، چىشيا شەھىرىنىڭ شىچېڭ بازىرىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ۋۇسەيلۇڭ ئالتۇن كانىدا پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، قۇدۇق ئاستىدىكى 22 ئىشچى قاپسىلىپ قالغان.

مۇخبىرنىڭ نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلار قۇدۇق ئاستىدىكى 600 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولۇپ، پارتلاش كان قۇدۇقىنىڭ 200 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بۆلىكىدە يۈز بەرگەن. 12ـ يانۋار سەھەر سائەت بەشكىچە، نەق مەيداندىكى كەسپىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرى 300 دىن، ھەر خىل ماشىنا، ئۈسكۈنىلەر 40 تىن ئاشقان، مەجبۇرىي ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قۇدۇق ئاستىغا ئوكسىگېن يەتكۈزۈلگەن؛ نۆۋەتتە، كەسپىي خادىملار قۇدۇق ئاستىغا چوڭقۇرلاپ چۈشۈپ، قۇدۇق ئىچىنى تازىلاپ، قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوماندانلىق ئىشتابى تېخىمۇ كۆپ چوڭ كالبېرلىق بۇرغىلاش ماشىنىسىنى يۆتكەپ قۇتقۇزۇشقا قاتناشتۇرۇپتۇ.

 

 

 

سۈرەت: قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇدۇق ئاستى بىلەن بولغان ئالاقىنى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.

 

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قۇدۇق ئىچىدىكى پارتلاشتىن پەيدا بولغان گاز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چىقىپ كېتەلمىگەچكە، قۇدۇق يولى توسۇلۇپ قېلىپ بۇرغا تۇرۇبىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش توسالغۇغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشغۇلات دائىرىسى تار بولغاچقا، قۇدۇقنى تازىلاش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولغان، نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا.

سۈرەت: قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى 

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تېزدىن ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەنى بىر گەۋدە قىلغان قوماندانلىق ئىشتابى تەشكىللىدى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى توردا ۋىدېئو ئارقىلىق قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلدى. قوماندانلىق ئىشتابى قارمىقىدا تەسىس قىلىنغان نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى، ئارقا سەپ كاپالىتى، تاراتقۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ھادىسىنى تەكشۈرۈش، كان ئىشچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى كۈتۈۋېلىش، داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت يەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرماقتا.

بارلىق قۇتقۇزۇش خادىملىرى مەيدانغا كىرىشتىن بۇرۇن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈتتى ھەمدە مۇناسىپ بەلگە تاقىدى 

نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش خىزمىتى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئېلىپ بېرىلماقتا، كېيىنكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈلمەكتە.

سۈرەت: قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇدۇق ئاستى بىلەن بولغان ئالاقىنى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شەندۇڭنىڭ يەنتەيدىكى بىر ئالتۇن كاندا پارتلاش يۈز بەردى

11-يانۋار كەچ سائەت 8 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھەرلىك پارتكوم چىشيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالدى