ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ كىشىلەرگە قىزىل بولاق تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 15:44

 

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن جايلاردا يەنە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. «چاغاندا ئۆيگە قايتىش-قايتماسلىق» مۇ قىزغىن مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالدى. يېقىندا، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خىزمەت ئورنىدا چاغان ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش كېرەك.

جايلارمۇ بۇنىڭغا بەس-بەستە ئاۋاز قوشتى، بېيجىڭ، شاڭخەي، ئەنخۇي، خېنەن، شەندۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق نۇرغۇن رايونلار «زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ يۇرتىغا قايتماسلىق»، «ئۆز يېرىدە چاغان ئۆتكۈزۈش»، «چاغاننى توردا مۇبارەكلەش، ئېكران ئارقىلىق كۆرۈشۈش» قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە جېجياڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار پۇل چىقىرىپ، كارخانا خادىملىرىنى جېجياڭدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

مەسىلەن، جېجياڭ لىشۈي ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، 1-فېۋرالدىن 28-فېۋرالغىچە، تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تەرەققىيات رايونى ھەر بىر ئادەمگە كۈنىگە 50 يۈەن ۋە 20 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ياردەم پۇلى ۋە تاماق كاپالەت ياردەم پۇلى بېرىدىكەن. 

نىڭبو شەھىرى فېڭخۇا رايونى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: فېڭخۇا رايونىدىكى پۇقراۋى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەردىن فېڭخۇادا قېلىپ چاغان ئۆتكۈزگەنلەرگە بىر قېتىمدىلا 500 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ قېلىش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىكۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى بۇ رايوندىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان شەھەر سىرتىدىكى ئىشلەمچىلەرگە 210 يۈەن ئىشىك بېلىتى ھەققىنى كەچۈرۈم قىلغان؛ خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشلەمچىگە 500 يۈەن چاغانلىق مەخسۇس ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ بەرگەن.

قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىنىشى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاڭ بولى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېنىق بىلدۈردى: بۇلتۇر دۆلەت بايرىمىدا، «نەچچە يۈز مىليون ئاھالە ساياھەتكە چىققاندا ھېچ ئىش بولمىدى، لېكىن چاغاندا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ھازىر دەل قىش پەسلى بولغاچقا ھاۋا سوغۇق، بۇ ۋىرۇسنىڭ ياشىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

نۇرغۇن كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چاغان مەزگىلىدىكى ئىشچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى بازارنىڭ مەھسۇلاتلارغا تازا ئېھتىياجلىق مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئەمما بۇ مەزگىلدە ئىشچىلار يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا «ئىشچى ئىشلىتىش قەھەتچىلىكى» كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتچىلەر يۇرتىغا قايتىپ قايتىش جەريانىدا بەزىدە ئايرىش زۆرۈر بولۇش، ۋاقتىدا قايتىپ ئىشلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىشى مۇمكىن. ئەگەر كارخانىدا قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر شۇ جايدا چاغان ئۆتكۈزسە، چاغاندا ئىشچىلارنىڭ قايتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشچىلار يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

شۇڭا، نۇرغۇن ئۆلكىلەر ئىشچىلارنى ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئىلھام بېرىپ، سەپەرگە چىقىشنى ئازايتىش، خادىملارنىڭ يۆتكىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ۋە بۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ ھەم نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئېھتىياجى، ھەم كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىپ ئادەم قالدۇرۇشىغىمۇ پايدىلىق.

لېكىن «پۇل بولسا بولمىسا، ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش» بىر ئەنئەنە بولۇپ، چاغانغا ئەزەلدىن يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتى ۋە جەم بولۇش ئۈمىدى يۈكلەنگەن. جېجياڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار ئۈچ ھەسسە مائاش بېرىش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەرگە تاماق ياردەم پۇلى بېرىش، مەخسۇس ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق پاراۋانلىقلار ئارقىلىق سىرتتىن كەلگەن خادىملارنىڭ بەزى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى «مائاش ئارقىلىق ئادەم قالدۇرۇش» ئارقىلىق «مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئادەم قالدۇرۇش» تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش بولمىغان، لېكىن ئوخشاشلا سەمىمىي بولغان «چاغان پۇرىقى» نى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى، يىل ئاخىرىدا يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئېھتىياجى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتىنى قۇربان قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ھالدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسەللى بېرىش جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر، ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلار ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. جېجياڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى «قىزىل بولاق» تارقىتىش ئارقىلىق ئىلھام بېرىپ، باشقا جايلارنىڭمۇ پايدىلىنىشىغا سۇندى. 

بىر شەھەرنىڭ مەدەنىيلىكى ۋە ئىللىقلىقى كۆپ ھاللاردا ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان تەدبىر ۋە ئىنچىكە ھالقىلاردا نامايان بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە ئومۇمىي خەلق بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما بىرلىكتە كونترول قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا پەقەت شەخسنىڭ ماسلىشىشىلا ئەمەس، ھەر قايسى ھالقىلارمۇ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىدۇ. جايلار ئىلمىي باشقۇرۇش، كونترول قىلىش بىلەن بىللە، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئىنچىكە قاتلامغا سىڭدۈرگەندىلا، «ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش» نى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىختىيارىي تاللىشىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ كىشىلەرگە قىزىل بولاق تارقىتىلدى

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن جايلاردا يەنە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.