ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىر ئايدىلا 7 خىل ئۆزگەرگەن ۋىرۇس بايقىلىپ، 70 دۆلەتتە يامرىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-16 10:55

2021-يىلىنىڭ تۇنجى ئېيىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يېرىم ئايدا، دۇنيادىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى چۆچۈتمەكتە. دۇنيا بويىچە ئومۇمىي دىياگنوز قويۇلغان بىمار 90 مىليوندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغىنى 10 مىليوندىن ئاشتى.

2020-يىلى دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ھازىرغىچە، يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلىماي، ئەكسىچە تېزلەشتى، نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇ بىر ئاي ئىچىدە تارقىلىش كۈچى ئەسلىدىكى ۋىرۇستىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ بايقىلىشى بۇ ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە جەمئىي قانچە خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بايقالدى؟ ئۇلار قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟

بۇ ۋىرۇسلار قايسى دۆلەت ۋە رايونلارغا يامرىدى؟ بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا يەنە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

سۈرەت: يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئەنگلىيە

دۇنيا بويىچە ئاز دېگەندە يەتتە خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس 70 دۆلەت ۋە رايونغا يامرىغانلىقى بايقالدى

2020-يىلى 14-دېكابىردىن ھازىرغىچە، دۇنيادا ئاز دېگەندە 7 خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پەيدا بولغان  بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئەنگلىيەدە ئىككى خىل، جەنۇبىي ئافرىقىدا بىر خىل، نىگېرىيەدە بىر خىل، ياپونىيە ۋە بىرازىلىيەدە بىر خىل، ئامېرىكىدا ئىككى خىل.

——2020-يىلى 14-دېكابىر، 23-دېكابىر: ئەنگلىيە 

2020-يىل 14-دېكابىر، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا دۆلىتىدە بىر خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ خىل ۋىرۇسقا كېيىن B.1.1.7 تىپلىق ئۆزگەرگەن ۋىرۇس دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ۋىرۇس ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2020ـ يىلى 20-سېنتەبىر ئېنگلاندنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كېنت ۋىلايىتىدە پەيدا بولغان.

گەرچە بۇ ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات بولمىسىمۇ، لېكىن ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئېھتىماللىقنى يوققا چىقارغىلى بولمايدىكەن.

بۇ خىل ۋىرۇس «ئۆزگىرىش» ئارقىلىق تارقىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشتەك «ئاجايىپ ماھارەت»كە ئىگە بولغان! مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنىڭ تارقىلىش ئىقتىدارى ئىپتىدائىي ۋىرۇس تۈپىدىن %70 ئەتراپىدا يۇقىرى ئىكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، يەنى 2020-يىلى 23-دېكابىر ئەنگلىيە يەنە بىر خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشچانلىقى ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەن! بۇ ۋىرۇس ياۋروپا خەلقىنى بىر مەھەل ساراسىمىگە سېلىپ، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئەنگلىيە بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسىنى تېزلىكتە ئۈزۈپ تاشلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2021-يىلى 13-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادا 50 دۆلەت ۋە رايوندا ئەنگلىيەدە بايقالغان ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پەيدا بولدى.

سۈرەت: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھانىسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى نىقاب تاقاپ توڭلاتقۇدىكى ماللارنى رەتلىمەكتە.

——2020-يىلى 18-دېكابىر: جەنۇبىي ئافرىقا 

شۇ يەر ۋاقتى 2020-يىلى 18-دېكابىر، جەنۇبىي ئافرىقا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىكىزېنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇستا ئۆزگىرىش بولغان ھەمدە «ياش ۋە تېنى ساغلام كىشىلەرنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلغان».

بۇ ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، مىكىزې سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: تارقىلىش سۈرئىتى ۋە يۇقۇشچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلارغا بەك ئاسان يۇقىدۇ!

كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، جەنۇبىي ئافرىقىدا بايقالغان بۇ خىل ۋىرۇسمۇ پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2021ـ يىلى 13ـ يانۋار بۇ خىل ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنىڭ دۇنيادىكى 20 دۆلەت ۋە رايوندا پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

——2020-يىلى 24-دېكابىر: نىگېرىيە

ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى شۇ يەر ۋاقتى 2020-يىلى 24-دېكابىر: نىگېرىيەدە بىر خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پەيدا بولدى، بۇنىڭ ئىلگىرى ئەنگلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا بايقالغان ئۆزگەرگەن ۋىرۇس بىلەن ئالاقىسى يوق، دېدى.

ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى كېنگاسوڭ(John Nkengasong)ئارقىدىنلا، بۇ ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنىڭ نىگېرىيەدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلۇقىنى، تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار ئەۋرىشكىلەرنى تەتقىق قىلىش پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرەت: شۇ جاي ۋاقتى 2021-يىلى 6-يانۋار، بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو دېڭىز ساھىلى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، نۇرغۇن ئاھالە يۇقۇمغا قارىماي، سىرتقا چىقىپ دېڭىز ساھىلىدا قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلاندى.

——2021-يىلى 10-يانۋار: ياپونىيە، بىرازىلىيە 

2021-يىلى 10-يانۋار، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە چېگراسىدىن كىرگەن تۆت يولۇچى ئىچىدىن ئەنگلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا پەيدا بولغان ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تۆت يولۇچى بىرازىلىيەدىن كەلگەنىكەن.

ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، بىرازىلىيە تەتقىقاتچىلىرىمۇ بىرازىلىيە چېگراسى ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى بايقىغان.

ياپونىيە دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شېتيەن لۇڭزې: نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشچانلىقى، يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

——2021-يىلى 13-يانۋار: ئامېرىكا 

شۇ يەر ۋاقتى 2021-يىلى 13-يانۋار، ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتلىق داشۆ تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئالىملىرى بىر دوكلات ئېلان قىلدى، دوكلاتتا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئىككى خىل ئۆزگەرگەن تۈرىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ۋىرۇس 2020-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ئۈچ ھەپتە ئىچىدە، تېز سۈرئەتتە بۇ ئىشتاتنىڭ كولۇمبۇ شەھىرىدىكى ئاساسلىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تۈپىگە ئايلانغان. نۆۋەتتە، تەتقىقات كوللېكتىپى بۇ ئىككى خىل ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنى داۋاملىق تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.

سۈرەت: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس

يۇقۇم ۋەزىيىتى داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا، ئالىملار ۋىرۇستا ئۆزگىرىش بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، دېدى

ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋىرۇس گېنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىۋاتىدۇ. يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

گەرچە «ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى» دىن ئىبارەت بۇ ئازراق فانتازىيەلىك تۈس ئالغان سۆز ئاڭلىماققا ئادەمنى شۈركەندۈرسىمۇ، ئەمما ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ۋىرۇستا ئۆزگىرىش بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئەجەبلەنگۈدەك ئىش ئەمەس.

2020-يىلى 21-دېكابىردىلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان ئۆزگەرگەن ۋىرۇس ئۈستىدە توختالغاندا: ۋىرۇس ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، بۇ تەبىئىي ئەھۋال ھەم بىزمۇ بۇنى ئالدىن پەرەز قىلغان، دېدى. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە ئالاقزەدە بولماسلىقنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ، ئاكتىپ تاقابىل تۇرمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئالىمى سىۋامىناتان مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىشىلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىشى كېرەك. چۈنكى ۋىرۇس قانچە كۆپ تارقالسا، ئۆزگىرىش پۇرسىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ۋىرۇسنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا كونتروللۇقنى يوقاتقان ھالدا تارقىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك، بولمىسا، ۋىرۇس گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولمايدۇ.

ئەنگلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس كەينى-كەينىدىن بايقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن دۆلەتلەر تېزدىن ئەنگلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر يەنە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە ماسكا تاقاش، قول تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق ئاساسىي يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قوللىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2021-يىلى 4-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە سېسترا ساندىلا لوڭ ئايلەند يەھۇدىي دوختۇرخانىسىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ 2-ئوكۇلىنى ئەملىمەكتە.

ۋىرۇسنىڭ بۇنچە كۆپ ۋارىيانتى بايقالدى، ۋاكسىنىنىڭ يەنە پايدىسى بولارمۇ؟

ئۆزگەرگەن ۋىرۇس پەيدا بولغاندىن بۇيان، «ۋاكسىنىنىڭ يەنە پايدىسى بارمۇ-يوق» دېگەن مەسىلە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەنگلىيە ۋاكسىنا ئەملەش بىرلەشمە كومىتېتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى پىكرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە بايقالغان ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى ۋاكسىنىلارنىڭ ئۇنى چەكلەش رولى ئاجىزلىمايدىكەن.

جەنۇبىي ئافرىقىدا بايقالغان ئۆزگەرگەن ۋىرۇسقا كەلسەك، بۇنىڭدىن ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى ھازىرقى پىفىزېر ۋە ئوكسفورد قاتارلىق دورا شىركەتلىرىنىڭ ۋاكسىنىلىرى بۇ خىل ۋىرۇسقا ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن، دېگەنىدى.

بىراق، ھازىر بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي يەكۈن چىقىرىلمىدى، ئالاقىدار تەتقىقاتلار يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، تەھلىل قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە چىقىدۇ.

ھەممەيلەن نەتىجىسىنىڭ خۇش خەۋەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

كەلگۈسى بىر مەزگىلدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل بولىدۇ

كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۆزگەرگەن تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ بايقالغانلىقىنى كەينى-كەينىدىن دوكلات قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي يېرىم شار قەھرىتان قىش پەسلىگە قەدەم قويدى، يۇقۇمدىن كېيىنكى «باھار» ھېچ كېلىدىغاندەك قىلمايدۇ.

شۇ يەر ۋاقتى 13-يانۋار، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ مەسئۇلى مايكىل رىيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمالىي يېرىم شاردا، بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا، كىشىلەرنىڭ سوغۇق سەۋەبىدىن يېپىق مۇھىتتا پائالىيەت قىلىشى، ئىجتىمائىي ئالاقە يىغىلىشىنىڭ كۆپىيىشى، يەنە بىر قاتار باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى كۈچىيىدۇ. كەلگۈسىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىر ئايدىلا 7 خىل ئۆزگەرگەن ۋىرۇس بايقىلىپ، 70 دۆلەتتە يامرىدى

2021-يىلىنىڭ تۇنجى ئېيىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يېرىم ئايدا، دۇنيادىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى چۆچۈتمەكتە.