ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەسلىگە، مەكتەپكە كىرىشتە بۇ كىنىشكا چوقۇم تەكشۈرۈلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-20 08:46

مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ دۆلەت ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەسلى ۋە مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ «بالىلار يەسلىگە، مەكتەپكە كىرگەندە ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، بالىلار يەسلىگە، مەكتەپكە كىرگەندە ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشنى تەكىتلىدى.

تەكشۈرۈش چارىسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھازىرقى باسقۇچتا مەملىكەت بويىچە بارلىق يەسلى ئاپپاراتلىرى، بالىلار باغچىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر بالىلار يەسلىگە، مەكتەپكە كىرىشتە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بارلىق يېڭىدىن يەسلىگە، مەكتەپكە كىرىدىغان، مەكتەپ ئالماشقان، سىنىپقا قوشۇلغان بالىلار. يەسلى ئاپپاراتى، بالىلار باغچىسى ۋە مەكتەپلەر بالىلار يەسلىگە، مەكتەپكە كىرگەندە، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تاماملاش ئەھۋالىنى باھالاش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ۋاكسىنا تولۇقلاپ ئەملەشكە تېگىشلىك بالىلارنىڭ ھامىيسى بالىلارنى ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىغا ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ ۋاكسىنا تولۇقلاپ ئەملەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك، بالىلارنىڭ يەسلىگە، مەكتەپكە كىرىشتە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن ياكى بالىلار مەكتەپ ئالمىشىپ، سىنىپقا قوشۇلۇپ 30 كۈن ئىچىدە تاماملىنىشى كېرەك.

بۇ چارىگە ئاساسەن، ۋاكسىنا تولۇقلاپ ئەملەشكە تېگىشلىك بالىلارغا  ۋاكسىنا تولۇقلاپ ئەملەش خىزمىتىگە بالىلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەملەش ئورۇنلىرى ياكى يەسلى ئاپپاراتلىرى، بالىلار باغچىسى، مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەملەش ئورۇنلىرى مەسئۇل بولىدۇ، تولۇقلاپ ئەملەشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەملەش ئورۇنلىرى ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئەملەش كىنىشكىسىنىڭ تولۇقلاپ ئەملەش، ئوقۇشقا كىرىشتىكى ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئەملەشنى تاماملاش ئەھۋالىنى باھالاش بېتىگە ئەملەشنى تاماملاش ئۇچۇرىنى تولۇقلاپ تولدۇرۇپ، يەسلى ئاپپاراتلىرى، بالىلار باغچىسى ۋە مەكتەپلەرنىڭ شۇ يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قايتا تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەسلىگە، مەكتەپكە كىرىشتە بۇ كىنىشكا چوقۇم تەكشۈرۈلىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ دۆلەت ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەسلى ۋە مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن