ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دادا سىم يۇغۇچ بىلەن ئوغلىنىڭ ماشىنىسىنى يۇيۇپ بەردى، نەتىجىدە..

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-21 18:22

 

ئاتا مېھرى تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنداقتا ئاتا مېھرىنىڭ ۋەزنى قانچىلىك؟ تۆۋەندىكىنى ئوقۇسىڭىز بۇنىڭغا جاۋاب تاپالايسىز.

 

يېقىندا شەنشى شيەنياڭلىق گاۋ ئەپەندى قايتىش سەپىرىگە چىقىشتىن بۇرۇن دادىسىنىڭ ئۇنىڭ كۆچمە قاتتىق دىسكىسىنى توكلاپ قويغانلىقىنى بايقىغان.....

گاۋ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «دادام مېنىڭ ئەتىسى يولغا چىقىدىغىنىمنى ئۇقۇپ، يولدا يانفونۇمنىڭ توكى تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ توكدىنىمغا لىق توك قاچىلاپ قويماقچى بوپتۇ.» دادىسى كۆچمە قاتتىق دىسكىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئۇنى توكدان ئوخشايدۇ دەپ قالغان.

گاۋ ئەپەندى يۇرتىغا يىلدا ئۈچ قېتىملا قايتاتتى. ئەينى چاغدا ئۇ دادىسىنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرۈپ كۈلكىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، كېيىن بۇنىڭدىن بىر خىل ئېيتقۇسىز مېھرىبانلىقنى ھېس قىلغان. 

چۈنكى، بۇ قاتتىق دىسكىغا لىق قاچىلانغىنى ئاتا مېھرى ئىدى.

 

 

 

تۆۋەندىكى ئاتىنىڭ مېھرى تېخىمۇ «ۋەزىنلىك» تۇرامدۇ نېمە؟

↓↓↓

دادىسى سىم يۇغۇچ بىلەن ئوغلىنىڭ ماشىنىسىنى يۇيۇپ بەرگەن. ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: ماشىنامنى سىرلاتماي، بۇ مېھىرنى ئەستىلىك قىلىپ قويىمەن.

 

يېقىندا خۇنەن يۇڭجوۋلۇق بىر دادا سىم يۇغۇچ بىلەن ئوغلىنىڭ ماشىنىسىنى يۇيۇپ بەرگەن ۋىدىيو تور دۇنياسىنى بىر ئالغان.

 

 

 

ئوغلى چېڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا يۇرتىغا قايتقاندا، ماشىنىسى بىلەن بىر دوستىنىڭ تويىنى كۆچۈرۈشۈپ بەرگەن، ماشىنا گەۋدىسىگە خۇشاللىق دېگەن قەغەز خەت چاپلىۋېتىلگەچكە، تازىلاش تەسكە چۈشكەن. دادىسى ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان، شۇنداق قىلىپ سىم يۇغۇچ بىلەن يۇيغان، نەتىجىدە ماشىنىنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتكەن.

«مەن بۇنى بايقىغاندا دادام ماشىنىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك يۇيۇپ بولۇپ، كابوتنى سۈرتكىلى تۇرۇپتىكەن» دەيدۇ چېڭ ئەپەندى ئۇ يانفونىنى ئېلىپ بۇ «ۋەزىنلىك ھەم ئېغىر» ئاتا مېھرىنى سۈرەتكە ئالغاچ.

«دادام ماڭا 50 يۈەن ماشىنا يۇيۇش ھەققى تېجەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن سىرلاش ئۈچۈن 20-30 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، دادامنىڭ ئازابلىنىشىدىن ئەنسىرەپ دوست-بۇرادەرلىرىمگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتماسلىقنى تاپىلىدىم.» چېڭ ئەپەندى ماشىنىنى سىرلىتىش ئويىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ مېھىرنى ساقلاپ قويۇش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ ۋەزىنلىك ئاتا مېھرى ۋە بۇ ئوغۇلنىڭ ئىنكاسىدىن قاتتىق تەسىرلەندى.

ئاتىلار تاتلىق سۆزلەرگە ناقىس كېلىدۇ، لېكىن پەرزەنتلىرىنى قوپال ھەم مۇلايىملىق بىلەن باغرىغا باسىدۇ.

ۋاقىت ئاستىراق ئۆتسە، بىز ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپرەك ھەمراھ بولۇۋالساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!

 

دادىڭىزغا قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟ 

سۆز قالدۇرۇڭ!

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دادا سىم يۇغۇچ بىلەن ئوغلىنىڭ ماشىنىسىنى يۇيۇپ بەردى، نەتىجىدە..

يېقىندا شەنشى شيەنياڭلىق گاۋ ئەپەندى قايتىش سەپىرىگە چىقىشتىن بۇرۇن دادىسىنىڭ ئۇنىڭ كۆچمە قاتتىق دىسكىسىنى توكلاپ قويغانلىقىنى بايقىغان.....