ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىنوخانىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-21 18:22

 

جېجياڭ ئۆلكىسى دۇڭياڭ شەھىرىدىكى بىر كىنوخانىدا كاربون چالا ئوكسىدى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق سودا سارىيىنىڭ يەر ئاستى 1-قەۋىتىدىكى تەبىئىي گاز پار قازان ئوچىقىنىڭ ئىس چىقىرىش تۇرۇبىسى بىلەن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ شامال كىرىش ئېغىزىنىڭ ئارىلىقى ئاران 50 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، شامال كىرىش ئېغىزى پار قازان ئوچىقىدىن چىققان كېرەكسىز گازنى سۈمۈرۈپ، كىنو قويۇش زالىدا كاربون چالا ئوكسىدى توپلىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق كىنوخانا ۋە سودا ساراي تىجارەتنى ۋاقىتلىق توختاتقان.

جەنۇبىي شەھەر گېزىتىدە خەۋەر بېرىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 18 لەرە، جېجياڭ ئۆلكىسى دۇڭياڭ شەھىرى ۋېيشەن بازىرىدىكى شىنتيەندى كىنوخانىسىنىڭ 1-كىنو زالىدا كىنو كۆرۈۋاتقان بىرقانچە كىشىدە باش قېيىش، ياندۇرۇش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر زالدىكى 63 كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈلگەن، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەسلەپكى قدەمدە كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان.

خېڭدىيەن كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ شىركەت مەبلەغ سالغان جېجياڭ ئۆلكىسى دۇڭياڭ شەھىرى ۋېيشەن بازىرىدىكى شىنتيەندى كىنوخانىسى بۇ يىل چاغاننىڭ 1-كۈنى تىجارەت باشلىغان، ئىشلىتىش كۆلىمى 2090 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن تىجارەتنى ۋاقىتلىق توختاتقان. 18-فېۋرال ۋەقە يۈز بەرگەندە ۋەقەگە چېتىشلىق شىنتيەندى سودا مەركىزىگە بارغان دۇڭياڭ شەھەرلىك بىر ئىستېمالچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كىنوخانىغا بارغان، كىنوخانىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا، ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشۈپ تاللا تاماق يېگەن، كىنوخانىنىڭ ئاستىدىكى قەۋەتكە ئاشخانا ۋە ئويۇن زالى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 18-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، دۇڭياڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ جەنۇبىي شەھەر گېزىتىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ كېلىش مەنبەسى يەنىلا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ ئارامسىزلىنىشى كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ ھۆكۈم چىقارغان. دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان 63 كىشىدىن بەشىنىڭ كاربون چالا ئوكسىدى بىلەن يېنىك دەرىجىدە زەھەرلەنگەنلىكى بېكىتىلگەن.19-فېۋرال كەچكىچە، يەنە بەش كىشى دوختۇرخانىدا داۋاملىق كۆزىتىلگەن.

جېجياڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باش ئەترىتى ساقچى ئىشلىرى تېخنىكىسى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇدىر ما جىشيۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 3-نومۇرلۇق زالنىڭ 5-قەۋەت ئۆگزىسىنىڭ يېڭى ھاۋا كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقانلىقىنى، پار قازاندىن چىققان كېرەكسىز گازنى سۈمۈرگەندىن كېيىن، 3-نومۇرلۇق زالدا كاربون چالا ئوكسىدى توپلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قويۇقلۇقى ئېشىپ، كىنو كۆرگۈچىلەردە ئارامسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان.

«يېڭى ھاۋا كىرىش سىستېمىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى 5-قەۋەتنىڭ ئۆگزىسىگە جايلاشقان. مۇشۇ يېڭى ھاۋا كىرىش سىستېمىسىغا يانداش، 50 سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇپ گاز قويۇپ بېرىش ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ گاز يولى يەر ئاستى 1-قەۋەتتىكى تەبىئىي گاز پار قازىنىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسىغا تۇتاشتۇرۇلغان. پار قازان قوزغىتىلغاندا بۇ گاز قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسىدىن چىققان كاربون چالا ئوكسىدى (يېڭى ھاۋا كىرىش سىستېمىسى) نىڭ ھاۋا كىرىش ئېغىزىدىن سۈمۈرۈلگەن.»

مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، 20-فېۋرال چۈشتىن كېيىنگىچە ۋەقەگە چېتىشلىق كىنوخانىنىڭ باھالاش تۈرىدىكى ئەپلەردە كىنو ئۇچۇرى يوقكەن.

20-فېۋرال چۈشتىن كېيىن دۇڭياڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ-قۇرۇلۇش ئىدارىسى مۇخبىرىمىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئادەم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ۋەقەگە چېتىشلىق سودا مەركىزىنىڭ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇبا يوللىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا خىزمەتچىلەر ھازىرچە ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىنوخانىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى

جېجياڭ ئۆلكىسى دۇڭياڭ شەھىرىدىكى بىر كىنوخانىدا كاربون چالا ئوكسىدى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە