ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇلار جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-21 18:22

 

2021-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ج خ ئورگىنى ئاممىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، «辣笔小球» ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ سىنا بىلوگىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى يامان غەرەزدە بۇرمىلايدىغان، بەش نەپەر چېگرا قوغدىغۇچى ئوفىتسېر-ئەسكەرنى ھاقارەتلەپ كەمسىتىدىغان يازما ئېلان قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جەمئىيەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان.

جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرۈشكە تۇتۇش قىلغان، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە قانۇنغا خىلاپ يازما ئېلان قىلغان چوۋ XX (ئەر، 38 ياش، نەنجىڭلىق، توردىكى ئىسمى «辣笔小球») نى تۇتقان.

تەكشۈرۈشتىن كېيىن، چوۋ XX تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، بىلوگدا پاكىتنى بۇرمىلايدىغان، بەش نەپەر چېگرا قوغدىغۇچى قەھرىمان ئوفىتسېر-ئەسكەرنى ھاقارەتلەپ كەمسىتىدىغان يازما ئېلان قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان.

نۆۋەتتە، نەنجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چوۋ XXنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق تېرىش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان.

قەھرىمان قۇربانلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ، تور بوشلۇقى قانۇندىن خالىي جاي ئەمەس، قەھرىمان قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى بۇرمىلاش، خۇنۈكلەشتۈرۈش، ھۆرمەتسىزلىك قىلىش، ئىنكار قىلىش قىلمىشلىرىغا ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ قانۇن-نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ياخشى تور مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇلار جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى

2021-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ج خ ئورگىنى ئاممىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان،