ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ماسكىنى ئېلىۋېتىدىغان چاغ تېخى كەلمىدى!»/

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-07 16:25

 

-دۇنيا بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى مۇرەككەپ، لېكىن ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى بار.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گاۋ فۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ناۋادا ھەر قايسى دۆلەتلەر يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، يۇقۇمدىن ئوپچە ساقلىنىش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن، ئۇ يەنە ھازىر تېخى ماسكىنى ئېلىۋېتىدىغان چاغ ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. 

-دۇنيا بويىچە يۇقۇمدىن ئوپچە ساقلىنىش ۋاقتىغا تېخى خېلى بار، -دېدى ئۇ.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقۇمدىن ئوپچە ساقلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق ئىككى خىل بولىدىكەن. بىرى، تەبىئىي ساقلىنىش، لېكىن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدىن بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان؛ يەنە بىرى ۋاكسىنا ئەملەش. لېكىن، بۇنىڭدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەسكەن.

گاۋ فۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇمدىن ئوپچە ساقلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋاقتى ۋاكسىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقۇمدىن ساقلىنىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ياكى كېلەر يىلى 7-، 8-ئايلاردا، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يۇقۇمدىن ساقلىنالايدىغانلار %70تىن %80 گىچە بولىدىكەن. «ناۋادا ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنىمۇ تىرىشسا، بۇ ۋاقىت تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى مۇمكىن».

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 60 دۆلەتتە تىپى ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بايقالغان. گاۋ فۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇقەررەر ھەم نورمال ھادىسە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

-لېكىن، بىز ۋىرۇسنىڭ بۇنچە تىز، بۇنچە چوڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەپتۇق، ۋىرۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىلىق ھازىرچە دەسلەپكى بىر نەتىجە يوق، بىز ۋاكسىنىنىڭ يەنىلا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، لېكىن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

گاۋ فۇ يەنە مۇنداق قارىغان:

-دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋاكسىنىنىڭ خېلى ياخشى ئۈنۈمى بولدى، بىز ئاممىغا ئىمكانقەدەر تېزرەك ئەملىۋېلىشنى چاقىرىق قىلىمىز.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شۇڭا ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىز كۆپچىلىكنى يەنىلا ماسكا تاقاپ يۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىمىز، ماسكىنى ئېلىۋېتىدىغان چاغ تېخى كەلمىدى»، دۇنيا بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى ياخشى تىزگىنلەنمىگەن ئەھۋالدا، ۋىرۇس تارقىلىپ كىرىش خەۋپى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. يەنىلا، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئارىلىق ساقلاش، ماسكا تاقاش ۋە قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ماسكىنى ئېلىۋېتىدىغان چاغ تېخى كەلمىدى!»/

-دۇنيا بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى مۇرەككەپ، لېكىن ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى بار.