ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭ ھەققىدە مۇنداق دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-03 16:56

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادا يالغان-ياۋداق گەپ-سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، ئېلىمىزدىكى ئالاقىدار شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنى ئۆز ئالدىغا جازالىغاندا، بىزنىڭ قەدىناس يېقىن دوستىمىز ئىران دىپلوماتلىرىنى ئەۋەتىپ، شىنجاڭنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم چەت ئەل تور سۇپىسىدا ئاكتىپ ئىنكاس بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نام-شەرىپىنى قوغدىدى!

 

ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 30-مارت، ئىراننىڭ دىپلوماتلىرى ئايروپىلاندا تەخمىنەن تۆت سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېتىپ بارغان.

شۇ كۈنى، ئۇلار ئۈرۈمچىدە ھەيۋەتلىك مەسچىتلەرنى، پاكىز، رەتلىك رەستىلەرنى، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق كىشىلەرنى، بېيجىڭدىن ۋاقچە پاتىدىغان پارلاق قۇياشنى كۆردى.

ئۇلارغا ئەڭ تونۇش ۋە يېقىملىق تۇيۇلغىنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى بولۇپ، ئۇلار: «كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بىزنى ئىرانغا قايتقاندەك ھېس قىلدۇردى» دېيىشتى.

31-مارت، ئىراننىڭ دىپلوماتلىرى قەشقەرگە يېتىپ باردى، ئۇلار ھاياجان بىلەن: «بۇ يىللارنىڭ ھىممىتىگە ئېرىشكەن شەھەر ئىكەن، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ بۇ يەرگە خاتىرجەملىك ۋە ئەمىنلىك ئاتا قىلىپتۇ. توپا رەڭلىك ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، گىرەلىشىپ كەتكەن تار كوچىلار، قەدىمىي، نەپىس ساپال قاچىلار، قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلىغان ھۈنەرۋەنلەر... ھەممىسى بىزنى جەلپ قىلدى» دېدى.

ئىراننىڭ دىپلوماتلىرىمۇ شېرىن يېمەك-ئىچمەكلەردىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى! ئۇلار ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ يەرنىڭ ئانار شەربىتى قەدەملىرىمىزنى ئىختىيارسىز توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى، تەمى ھەقىقەتەن ئېسىل ئىكەن!»

ئىراننىڭ دىپلوماتلىرى كوچا-رەستىلەرنى ئايلانغاندىن باشقا، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن، 31-مارت شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ئائىلىسى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىدە تەربىيەلىنىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن كۇرسانتلارنى زىيارەت قىلىپ، يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.

بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى يامان نىيەتتە «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى»، «ئىرقىي يوقىتىش ئېلىپ باردى» دېگەندەك تۈرلۈك ناملاردا ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا، بىر ئۇيغۇر تاكسى شوپۇرى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئەزەلدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەپ باقمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇغان يەتتە ئايدا ئۆيىگە قايتماقچى بولسىلا قايتالىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىنى تونۇپلا قالماي، يەنە كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈردى، ھازىر تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدە ساقچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارەتكە كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ئالدىدا، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭغا قارىتا، ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېشاۋارزادەھ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر قىسىم كىشىلەر ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئىرقىي يوقىتىش» قاتارلىق كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان يالغان سۆزلەرنى توقۇپ چىقماقتا، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭدا ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگىنىمىز ھەرگىزمۇ «ئىرقىي يوقىتىش» زوراۋانلىقى ئەمەس، بەلكى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» يولىدىكى تىرىشچانلىقلار بولدى، دەل مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار بولغاچقا، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.

ئىراننىڭ باش ئەلچىسى ۋە دىپلوماتلىرى جۇڭگونىڭ شىنلاڭ مىكرو بىلوگى قاتارلىق سۇپىلاردىن باشقا، تىۋىتتېر قاتارلىق سۇپىلاردىمۇ يازمىلارنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.

ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېشاۋارزادەھ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى زامانىۋى ھەم گۈزەل شەھەر، بۇ يەر بىلەن ئىران مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئوخشاشلىقى بىزگە قەدىمكى يىپەك يولىدىكى قويۇق مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئەسلەتتى». 

 

بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگەن نۇرغۇن تورداش تەشەككۈر بىلدۈرۈپ: «ئىراننىڭ جۇڭگو ئۈچۈن گەپ قىلغىنىغا رەھمەت» دېيىشتى.

يەنە نۇرغۇن تورداش ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەھرىرى يازغان قەشقەر ھەققىدىكى بايانلارنى ماختاشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىران دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭ ھەققىدە مۇنداق دېدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادا يالغان-ياۋداق گەپ-سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ،