ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈرئۇخلاش ۋاقتىنى بېكىتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-03 16:56

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيقۇسىغا دائىر باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، ئۈچ مۇھىم ۋاقىتنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. زۆرۈر ئۇخلاش ۋاقتى: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 10 سائەتكە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 9 سائەتكە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 8 سائەتكە يېتىشى كېرەك. مەكتەپ مەشغۇلات ۋاقتى: باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى دەرس باشلاش ۋاقتى ئادەتتە سائەت 8:20دىن بالدۇر بولماسلىقى، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتە سائەت 8:00دىن بالدۇر بولماسلىقى كېرەك. شارائىتى بار مەكتەپلەر زۆرۈر چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇخلاش ۋاقتى: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئادەتتە سائەت 21:20دىن كېيىن قالماسلىقى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سائەت 22:00دىن كېيىن قالماسلىقى كېرەك، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سائەت 23:00 تىن كېيىن قالماسلىقى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈرئۇخلاش ۋاقتىنى بېكىتتى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيقۇسىغا دائىر باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ،