ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان ئوقۇغۇچى جازالاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 08:10

 

ئەنخۇيدىكى مەلۇم داشۆ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ليۇ شۈەيگە ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىك جازاسى بەردى.

يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى شۇشەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: ليۇ شۈەي، ئەر، 20 ياش، 2020-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تەقسىم قىلىنغان. قىسىمغا يېتىپ بېرىپ ئەتىسىلا مەزكۇر يولداش ماسلىشالماي، قىسىمدىن ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. قايتا-قايتا تەربىيە بېرىش، نەسىھەت قىلىش ئۈنۈم بەرمىگەچكە، قىسىم بەلگىلىمە بويىچە ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

ليۇ شۈەي، ئەر، خەنزۇ، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى لىنجاڭ ناھىيەسىدىن، كىملىك نومۇرى: ****13042320010317، مەزكۇر يولداش 2019-يىلى ئەنخۇي مەلۇم داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، 2020-يىلى 9-ئايدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش، مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن بۇرۇن مەشىق قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ئەسكەر بېكىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەردىن ئۆتۈپ ھەربىي سەپكە نورمال كىرگەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تەقسىم قىلىنغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى قىسىمغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەتىسىلا مەزكۇر يولداش ماسلىشالماي، قىسىمدىن ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. قىسىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىدىيەۋى تەربىيەسى ۋە يېتەكلىشى ئۈنۈم بەرمىگەچكە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ليۇ شۈەينى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغاچقا رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقاردى.

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەنخۇي مەلۇم داشۆسى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ليۇ شۈەيگە ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىك جازاسى بەردى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى»، «ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى نىزامى»، «ھەربىي سەپكە كىرگەن يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى» (ھ س [2018] 238-نومۇرلۇق) قاتارلىق قانۇنلار-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇشەن رايونلۇق ئەسكەر قوبۇل قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاش ئارقىلىق، رايونلۇق ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئەنخۇي مەلۇم داشۆسىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ليۇ شۈەينى تۆۋەندىكىدەك جازالاشنى قارار قىلدى:

1. ئۇنىڭ مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرگە بېرىلىدىغان ئېتىبارلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، شۇشەن رايونىنىڭ شۇ يىللىق مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئېتىبار بېرىش پۇلىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە 46 مىڭ 866 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ (2020-يىلى شۇشەن رايونىنىڭ مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئېتىبار بېرىش ئۆلچىمى 23 مىڭ 433 يۈەن)، خۇپو كوچا باشقارمىسى بىلەن ئەنخۇي مەلۇم داشۆسى بىرلىشىپ ئىجرا قىلىدۇ، جەرىمانە پۇلىنى رايونلۇق مالىيەگە تاپشۇرىدۇ (قەرز پۇل قايتۇرۇش ھېسابات نومۇرىنى رايونلۇق مالىيە ئىدارىسى تەمىنلەيدۇ). جەرىمانە پۇلىنى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2. ئۇ دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ بىرلىكتە جازالىنىدۇ، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا كىرېدىت ئېتىبار سىياسىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىشىغا بولمايدۇ.

3. شۇشەن رايونلۇق تەشكىلات، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماقلار ئۇنى مەمۇرلۇققا ياكى مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان خىزمەتچى خادىملىققا، كەسپىي ئورۇن خادىملىقىغا ۋە دۆلەت كارخانىسى خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

4. ئەنخۇي مەلۇم داشۆسى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشىگە بولمايدۇ.

5. شۇشەن رايونىدىكى تاراتقۇ ئورۇنلىرى ئۇنى «ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغان سەلبىي تىپ قاتارىدا جەمئىيەتكە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

 ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا دۆلەت (چېگرا)دىن چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەرمەسلىك ئۇقتۇرۇلىدۇ.

7. نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئورگىنىغا ئالاقە ئەۋەتىپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ئىشلىرى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىنىڭ ئۇنى قىيىنچىلىق ياردەم پۇلى ۋە كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزسە بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ.

8. نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئورگىنىغا ئالاقە ئەۋەتىپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەمۇرىي تەستىق تارمىقىنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا تىجارەت قىلىش، كارخانا ئېچىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەرمەسلىك ئۇقتۇرۇلىدۇ.

بۇ قارار ھۆججەت ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2021-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان ئوقۇغۇچى جازالاندى

ئەنخۇيدىكى مەلۇم داشۆ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ليۇ شۈەيگە ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىك جازاسى بەردى.