ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

70 ياشتا پېنسىيەگە چىقىش دەۋرى يېتىپ كەلدىمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 08:10

 

ياپونىيە 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ياشانغانلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ خاتىرجەم قىلىش قانۇنى»نى يولغا قويۇپ، كارخانىلاردىن ئىشلەش ئارزۇسى بار ياشانغانلارنى 70 ياشقا كىرگۈچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ياپونىيەنىڭ 70 ياشتا پېنسىيەگە چىقىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

 

 

 

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى «ئىقتىساد ئۇچۇر خەۋەرلىرى» سەھىپىسىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى سىن كۆرۈنۈشى

ياپونىيەنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ياشانغانلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ خاتىرجەم قىلىش قانۇنى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، كارخانىلار پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قايتا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق بەش خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، 70 ياشقىچە ئىشلەش ئارزۇسى بار ياشانغانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

ياپونىيە 2013-يىلىدىكى «ياشانغانلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ خاتىرجەم قىلىش قانۇنى»دا: كارخانىلارنىڭ قايتا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلەش ئارزۇسى بار ياشانغانلارنى 65 ياشقا كىرگۈچە ياللاپ ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ بەلگىلىگەن. 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى بەلگىلىمىدە، گەرچە ياش دائىرىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 70 ياشقا ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، لېكىن كارخانىلاردىن پەقەت ئالاقىدار نىشان ئۈچۈن «تىرىشىش» تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولمىغان.

نۆۋەتتە، ياپونىيەنىڭ مەمۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنىڭ تۆۋەن چېكى يەنىلا 60 ياش. نۇرغۇن ياپونىيە كارخانىلىرى ئىش ھەققى بىلەن خىزمەت ئىستاژىنى بىۋاسىتە چېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولغاچقا، ئەگەر پېنسىيە يېشى ئۇزارتىلسا، كارخانىنىڭ ئادەم كۈچى تەننەرخى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.

ياپونىيە داۋالاش ۋە ئەمگەك ۋازارىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىز كارخانىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، ياشانغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى جانلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇڭا قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى بىۋاسىتە ھالدا ئۇزارتمىدۇق.

 

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيەدە 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ سانى 36 مىليون 170 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %28.7نى ئىگىلىگەن. ياپونىيە قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق كارخانىلاردىن ياشانغانلارنى 70 ياشقا كىرگۈچە ياللاپ ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشتا ئاساسلىقى: «تۇغۇلغانلار ئاز بولۇش» ئېلىپ كەلگەن ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمىغا كېتىدىغان مالىيە يۈكىنى يېنىكلىتىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

70 ياشتا پېنسىيەگە چىقىش دەۋرى يېتىپ كەلدىمۇ؟

ياپونىيە 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ياشانغانلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ خاتىرجەم قىلىش قانۇنى»نى يولغا قويۇپ، كارخانىلاردىن ئىشلەش ئارزۇسى بار ياشانغانلارنى 70 ياشقا كىرگۈچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.