ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئەھۋالدا ھوقۇقىڭىزنى قانداق قوغدايسىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 09:48

 

تيەنجىندىكى تيەن ئەپەندى بىر غەلىتە ئىشقا يولۇقتى، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ مال ساتقۇچىدىن 150 سۇڭلۇق چوڭ تېلېۋىزور سېتىۋېلىپ، مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا پەقەت 100 سۇڭلۇق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، مال ساتقۇچىدىن سورىدى، قارشى تەرەپ: «150 سۇڭلۇق تېلېۋىزورنىڭ چوڭ كىچىكلىكى مۇشۇنچىلىك» دېدى. 
ھازىر تيەن ئەپەندى ساتقۇچى، تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى ۋە جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىنى سوتقا ئەرز قىلدى. ئىستېمالچىلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى قانداق قوغدىلىدۇ؟ 

بۇلتۇر 12-ئايدا، تيەن ئەپەندى جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىنىڭ «ياۋياڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەخسۇس دۇكىنى»دىن 48 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ 150 سۇڭلۇق «چاڭخۇڭVI سۈزۈك سۇيۇق كىرىستاللىق» تېلېۋىزوردىن بىرنى سېتىۋالغان، لېكىن تېلېۋىزور كەلگەندە قۇراشتۇرىدىغان خادىمنىڭ دېيىشىچە بۇ 150 سۇڭلۇق دېيىلگەن تېلېۋىزورنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇلار ئادەتتە ئورناتقان 100 سۇڭلۇق تېلېۋىزوردىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن، بەلكىم بۇنىڭدا مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. 

تيەن ئەپەندى دۇكانغا بېرىپ ئۆزىنىڭ 100 سۇڭلۇق تېلېۋىزورنىڭ تۆت ھەسسىسىچىلىك باھادا يەنىلا 100 سۇڭلۇق تېلېۋىزور سېتىۋالغانلىقىنى بايقىدى. تيەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئورالمىسىغا 150 سۇڭلۇق تېلېۋىزور دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇمۇ گۇمانلانمىغان ئىكەن. 

تيەن ئەپەندى كېيىن ئۆزى سېتىۋالغان سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزورنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى شۇنداقلا ئۈچكە ھۆددە قىلىش كارتىسى يوقلىقىنى، پەقەت سىرتقى ئورالمىسىغا «150 سۇڭ» دەپ يېزىلغانلىقىنى بايقىدى. 

ساتقۇچى 100 سۇڭلۇق تېلېۋىزور ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ 150 سۇڭلۇق باھادا ساتقان، يەنە قۇراشتۇرۇش ئۇستىسىغا خېرىدارلارغا ئېيتماسلىقنى ئېيتقان. 

تيەن ئەپەندى بۇ مەسىلىنى بايقىغاندىن كېيىن بىۋاسىتە ساقچىغا مەلۇم قىلدى. جىڭدۇڭ خېرىدارلار مۇلازىمىتى تيەن ئەپەندىگە مۇنداق دېدى: ساتقۇچى 150 سۇڭلۇق تېلېۋىزورىنىڭ ئۆلچىمى 225 سانتىمېتىردە 130 سانتىمېتىر. سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئارقىلىق، بۇ ئۆلچەم دۆلەت ئۆلچىمىدىكى 100 سۇڭلۇق ئۆلچەم بولىدۇ. تيەن ئەپەندى جىڭدۇڭنىڭ كۆز قارىشىنى ئېتىراپ قىلمىدى. 

نۆۋەتتە، تيەن ئەپەندى ساتقۇچى، شۇ تېلېۋىزورنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ۋە جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى سوتقا ئەرز قىلدى. ساتقۇچى تەرەپ تۆلەم بەرگەندىن سىرت، ئۇ يەنە جىڭدۇڭنىڭ ساختا مەھسۇلات سېتىش، 100 سۇڭلۇق تېلېۋىزورنى 150 سۇڭلۇق قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا كەچۈرۈم سورىشىنى ھەمدە بۇندىن بۇرۇنقى بارلىق سېتىش خاتىرىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، زىيانلانغۇچىلارغا تۆلەم بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

بېيجىڭ جىڭشى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى چېن لياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىستېمالچىلار ئۆزى سېتىۋالغان تاۋارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە، سودىگەرلەر تەمىنلىگەن ئالاقىدار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى، ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىق ئۇچۇرلار ھەقىقىي ۋە ئەتراپلىق بولۇشى كېرەك. سودىگەر 100 سۇڭلۇق تېلېۋىزورنى 150سۇڭلۇق دەپ ساتتى، بۇ ئېنىقلا ئىستېمال ئالدامچىلىقىغا تەۋە، تيەن ئەپەندى ئۈچ ھەسسە تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر جىڭدۇڭ ئىشتىن بۇرۇن ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان، لېكىن ۋاقتىدا توسمىغان بولسا، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

ئادۋوكات چېن لياڭمۇ كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كۈندىلىك توردا مال سېتىۋالغاندا، چوقۇم تاۋار سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك. بۇ چوڭ بۇيۇملارغا نىسبەتەن، ئەڭ ياخشىسى مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى ياخشى ساقلىۋېلىش كېرەك. ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغاندا چوقۇم ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ئەھۋالدا ھوقۇقىڭىزنى قانداق قوغدايسىز؟

تيەنجىندىكى تيەن ئەپەندى بىر غەلىتە ئىشقا يولۇقتى، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ مال ساتقۇچىدىن 150 سۇڭلۇق