ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنى تاقايدىغانلار دىققەت!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 09:49

 

يوشۇرۇن كۆزئەينەك گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، لېكىن يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسىنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان دوستلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن تولىمۇ قولايلىق! 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈزەللەشتۈرۈش كۆز قارىچۇقى ھەر خىل چىرايلىق رەڭلەر، پاسون ۋە كۆزنى چوڭايتىش ئۈنۈمى بىلەن نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. 

مەملىكەتلىك مۈڭگۈز پەردە كېسەللىكلىرى ئىلمىي گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى شى ۋېييۈن مۇنداق دېدى: يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغاندا، ئادەمنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىدە يۇقۇملىنىش خەۋپى بولىدۇ، يۇقۇملىنىپ قالسا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. 

ياشلارنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش كۆز قارىچۇقى تاقىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز. گۈزەللەشتۈرۈش كۆز قارىچۇقى تاقاشنىڭ زادى قانچىلىك خەتىرى بار؟ نېمىشقا كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى تاقاشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ؟ 

 

كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاشنى تەۋسىيە قىلماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە: 

1. يوشۇرۇن كۆزئەينەك مۈڭگۈز پەردىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە سۇ يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ. مۈڭگۈز پەردە ئوكسىگېنغا موھتاج، %80 ئوكسىگېننى ھاۋادىن قوبۇل قىلىدۇ، يەنە بىر قىسمىنى كۆز يېشىدىن قوبۇل قىلىدۇ. كۆز ئالمىسىغا يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقالسا خۇددى ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان يامغۇرلۇق كىيىم كىيىۋالغانغا ئوخشاش بولۇپ، ئوكسىگېن كەمچىل بولغان يوشۇرۇن كۆزئەينەك ئاستا-ئاستا سۇلۇق ئىششىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ھەتتا بەزى كىشىلەر يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاپ ئۇخلايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۈڭگۈز پەردە سۇلۇق ئىششىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئوكسىگېن يېتىشمىسە، مەڭگۈلۈك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. يوشۇرۇن كۆزئەينەك يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

كۆز يېشى باكتېرىيەنى «ئېقىتىپ كېتىدۇ»، ئەمما يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغاندا، كۆز يېشىنىڭ رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، باكتېرىيە تېخىمۇ ئاسان كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قول ۋە ئەينەك تازىلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا، يۇقۇملىنىش خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

 

گۈزەللەشتۈرۈش قارىچۇقى يوشۇرۇن كۆزئەينەككە قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىكمۇ؟ 

 

گۈزەللەشتۈرۈش كۆز قارىچۇقىدا ساقلانغان مەسىلە يوشۇرۇن كۆزەينەكتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

بىرىنچى، رەڭلىك پىگمېنت قوشۇلغاچقا گۈزەللەشتۈرۈش قارىچۇقىنىڭ ئوكسىگېن ۋە سۇدىن ئۆتۈش ئىقتىدارى ئادەتتىكى يوشۇرۇن كۆزئەينەككە قارىغاندا تېخىمۇ ناچار بولىدۇ. 

ئىككىنچى، ئەگەر سىلىقلىق دەرىجىسى ياخشى بولمىسا باكتېرىيە ئاسانلا سىرتقى يۈزگە يېپىشىۋېلىپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،  ياخشى ئىشلەنمىگەن گۈزەللەشتۈرۈش قارىچۇقى ھەتتا مۈڭگۈز پەردىسىنى بىۋاسىتە زەخىملەندۈرىدۇ. 

ئۈچىنچىدىن، سۈپىتى ياخشى بولمىغان بەزى گۈزەللەشتۈرۈش قارىچۇقىدىكى پىگمېنتلارنىڭ كۆپىنچىسى بىۋاسىتە ئەينەك يۈزىگە بويىلىپ، رەڭگى ئۆڭۈپ،  كۆز ئالمىسىغا چاپلىشىپ قالغان پىگمېنتلار كۆزنى زەخىملەندۈرۈپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنى تاقايدىغانلار دىققەت!

يوشۇرۇن كۆزئەينەك گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، لېكىن يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسىنى سىناپ بېقىشقا