ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيانىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا نەزەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 09:49

 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياۋروپا ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يازلىق ۋاقتى 3-ئاپرېل سائەت 19دىن 1 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر (بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاپرېل سائەت 1دىن 1 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر)، دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمار جەمئىي 129 مىليون 902 مىڭ 402، قازا قىلغان بىمار جەمئىي 2 مىليون 831 مىڭ 815كە يەتكەن. 3-ئاپرېل دۇنيا بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمار 662 مىڭ 690، قازا قىلغان بىمار 11 مىڭ 306. 

 

ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملاندى

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى شىپاخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بولۇپ، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

فېرناندېز شۇ كۈنى سەھەردە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئازراق قىزىپ قالغانلىقىنى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىگېنىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى، ھازىر مەھكىمىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، سالامەتلىكى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

 

ياپونىيە تاراتقۇلىرى: خەلقئارا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 2-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىراجىتى مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، خەلقئارا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تۈرلۈك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، خەلقئارا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى توكيو سۇ ئۈستى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دۇنيا لوڭقىسى سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلاپ بولغان ئىدى.

كيودو ئاگېنتلىقى ئىچكى قىسىمدىكى بىر زاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە 18-ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دۇنيا لوڭقىسى سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدىن باشقا، 1-مايدىن 4-مايغىچە توكيودا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان فىگورا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش تۈرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ۋە 29-مايدىن 30-مايغىچە ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇئوكادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مارافونچە سۇ ئۈزۈش تۈرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

 

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى

ئەنگلىيەدە 5 مىليوندىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەن ئادەمگە ئىككىنچى قېتىملىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەندى

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاپرېل، ئەنگلىيە سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدە 5 مىليوندىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەن ئادەمگە ئىككىنچى قېتىملىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملىنىپ بولۇپتۇ.

شۇ كۈنى، ئەنگلىيەدە 246 مىڭ ئادەمگە ئىككىنچى قېتىملىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەندى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئومۇمىي ئادەم سانى 5 مىليون 200 مىڭغا يەتتى. بۇ ئەنگلىيەدىكى قۇرامىغا يەتكەن ھەر ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ ئىككى ۋاكسىنا ئەملەپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

فىلىپپىننىڭ پايتەختى ۋە ئەتراپىدىكى تۆت ئۆلكىنىڭ «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرى بىر ھەپتە ئۇزارتىلدى

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاپرېل كەچتە، فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى خاررى لوك فىلىپپىننىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش تارماق ھالقىغان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى پايتەخت مانىلا رايونى ۋە ئەتراپىدىكى تۆت ئۆلكىنىڭ «مەھەللىدە ئايرىشنى كۈچەيتىش» ھالىتىنى بىر ھەپتە ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ فىلىپپىننىڭ پايتەختى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ 5-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە يەنە بىر ھەپتە «شەھەرنى قامال قىلىش»ىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ پايتەخت مانىلا رايونى ۋە ئەتراپىدىكى كاۋىتې ئۆلكىسى، لاگۇنا ئۆلكىسى، بۇلاكان ئۆلكىسى ۋە رىزال ئۆلكىسىگە قارىتا ئەڭ قاتتىق بولغان «مەھەللىدە ئايرىشنى كۈچەيتىش» تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ قارار ئەسلىدە 4-ئاپرېل ئاخىرلىشاتتى.

 

يۇقۇم ئەھۋالى يامانلاشتى، بېنگال 5-ئاپرېلدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە بىر ھەپتە «شەھەرنى قامال قىلىش»نى جاكارلىدى

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاپرېل، بېنگالنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى خەلق ئىتتىپاقىنىڭ باش شۇجىسى، يول تىرانسپورتى ۋە كۆۋرۈك مىنىستىرى ئوبەيدۇل قادىر، بېنگالدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت 5-ئاپرېلدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىر ھەپتە «شەھەرنى قامال قىلىش»نى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

شۇ كۈنى چۈشتە، بېنگالنىڭ ئاممىۋى مەمۇرىيەت مىنىستىرلىقى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى فاخارد ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: قامال قىلىنغان مەزگىلدە، زاۋۇتلار نورمال ئىشلەيدۇ، نۆۋەتلىشىپ ئىشلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيانىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا نەزەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياۋروپا ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يازلىق ۋاقتى