ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تولىمۇ چىرايلىق كەلدى شىنجاڭغا باھار!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-09 17:26

 

ئىللىق ھاۋا رايى كىشىگە خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە روشەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمەيدۇ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەپ، ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃17قا يېتىدۇ، ئەتىگەن-ئاخشامدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئۈرۈمچىنىڭ بىر ھەپتىلىك ھاۋا رايى ئەھۋالى

بۇ ھەپتىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمەيدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدۇ.

 

 

 

ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشى

 

 

 

 

كەلگۈسى 3 كۈندە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار ھۆل-يېغىن مەزگىلىگە كىرىدۇ. كېۋەز تېرىش، باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

 

يىغىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، 

تېمپېراتۇرا مۇقىم ئۆرلەيدۇ، 

باھارنىڭ خۇش ھىدى شىنجاڭنى قاپلايدۇ!

 

شاپتۇل چېچەكلىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، باھار دەرەخ شاخلىرىدا ئەكس ئەتتى

 

 

يېقىندا، كۈنەس ناھىيەسى قارابۇرا بازىرى شاخا مەھەللىسىدىكى شاپتۇل دەرەخلىرى باھار نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ئاق چېچەكلەر ھۈپپىدە ئېچىلدى

 

بەيياڭخې دەرياسى بويىدىكى پەسىل قۇشلىرى باھار پەيزىنى سۈرمەكتە

31-مارت، تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى بەيياڭخې دەرياسى بويىدا ئۇقار، قارنا قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى دەم ئالغاچ ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسى سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، بەيياڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ھازىرقى بەيياڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا يېشىللىق مەۋج ئۇرۇپ، دەرەخلەر سايە تاشلاپ، ھەر پەسىلدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدىغان ئىناق ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرە پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى.

 

باھاردىكى قار بىلەن يېشىل بىخلار كوچىغا ھۆسن قوشتى

2-ئاپرېل، قورغاس شەھىرى ئەتىيازلىق قارنى كۈتۈۋالدى، قار ئۇچقۇنلىرى يۇمران شاخ ۋە گۈل غۇنچىلىرىغا قونۇپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى.

ئاپئاق قار ۋە ئەمدىلا بىخلانغان دەرەخلەر بىلەن ئورالغان كوچىلار كىشىگە زوق ئاتا قىلدى

باھاردا ياۋا غازلار شىمالغا قايتتى

تەبىئەتنىڭ بارا-بارا يېشىللىققا پۈركىنىشىگە ئەگىشىپ، جىمىسار ناھىيەسى شىمالغا قايتقان ياۋا غازلارنى كۈتۈۋالدى.

كۆك غازنىڭ كۆچۈش ئادىتى بار، كۆچۈش ئارىلىقىمۇ بىر قەدەر يىراق، توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇچقاندا تەرتىپلىك سەپ تارتىپ ئۇچىدۇ.

 

گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىشقا باشلىدى 

 

31-مارت، كورلا شەھىرىدە بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلدى، يامغۇردىن كېيىنكى شەھەر تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى.

كورلا شەھىرىنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنى، زۇمرەتتەك سۇلىرى، يول بويىدا چېچەك ئارقان دەرەخلەر

 

باھار يامغۇرىدىن كېيىنكى شەھەر گۈزەللىككە ئوراندى

31-مارت ياغقان باھار يامغۇرى باغراش ناھىيەسىنى پاكىز «يۇيۇندۇرۇپ» قويدى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان قايتىدۇ دەرياسىنىڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرىغا، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ۋە دەريا بويىدىكى قومۇشلار قوشۇلۇپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى كۆل رايونى، مەنزىرە رايونى لىنىيەسى بويىدىكى مۇھىت تازىلىقىنى ئوڭشاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئىچىدە سۇ ئاقىدىغان، سۇدا شەھەرنىڭ ئەكسىنى كۆرەلەيدىغان، كىشىلەر بۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تولىمۇ چىرايلىق كەلدى شىنجاڭغا باھار!

ئىللىق ھاۋا رايى كىشىگە خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە روشەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمەيدۇ،