ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن 2036-يىلىغىچە زۇڭتۇڭ بولۇشى مۇمكىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-09 17:26

 

 

كۆپلىگەن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك مۇھىم قانۇنغا ئىمزا قويغان.
بۇ قانۇن ئۇنىڭ 2024-يىلى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىشىغا يول ئاچىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى جەمئىي 12 يىل بولىدۇ.

رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئىش بۇلتۇر رۇسىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈشىدىن كېلىپ چىققان. ئەينى چاغدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ مەزمۇنى رۇسىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋىتىدىن دۆلەت ئىچىدىكى ئىدارە قىلىشقىچە بولغان ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لېكىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بىر مەزمۇن شۇكى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ماقۇللانسا، رۇسىيەدىكى بارلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ ۋە سابىق زۇڭتۇڭنىڭ «ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ» دېگەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توغرىسىدىكى چەكلىمىمۇ قايتىدىن بەلگىلىنىدۇ. 

كەسمە سۈرەت: ئامېرىكا دۆلەت ئاممىۋى رادىيو تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئېلىنغان 

 

ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن رۇسىيەنىڭ بۇلتۇرقى ئومۇمىي خەلققە ئاۋاز قويۇشتا ئوڭۇشلۇق ماقۇللاندى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارمۇ بۇ يىل 3-ئايدا رۇسىيەنىڭ دۆلەت دۇماسى (تۆۋەن پالاتا) ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (يۇقىرى پالاتا) سىدا ماقۇللاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۇتىن رەسمىي ھالدا رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇنغا ئىمزا قويدى.

 

كەسمە سۈرەت: ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئېلىنغان.

 

شۇنىڭ بىلەن، تۆت نۆۋەت رۇسىيە زۇڭتۇڭى بولغان پۇتىن 2024-يىلىدىكى زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، داۋاملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ سايلىنىپ قالسا، يەنە ئىككى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى جەمئىي 12 يىل بولىدۇ. 

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر پۇتىن خالىسا ھەمدە رۇسىيە خەلقى قوللىسا، ئۇ 2036-يىلىغىچە ئىشلەپ 84 ياشقا كىرگەندە ئاندىن پېنسىيەگە چىقسا بولىدۇ.

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇتىن 2036-يىلىغىچە زۇڭتۇڭ بولۇشى مۇمكىن

كۆپلىگەن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا رۇسىيەنىڭ