ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆدىن 30 ئوقۇغۇچى ھەربىي سەپكە قاتناشتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-09 17:29

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆدىكى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ھەربىي سەپكە كىرمەكتە. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2021-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، چىڭخۇا داشۆ ۋە بېيجىڭ داشۆنىڭ 30 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، مەكتەپتىن جەڭگاھقا قاراپ ئاتلىنىپ، يالقۇنلۇق ياشلىق باھارىنى باشلىدى.

ۋەتىنىمىز ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن قىلچە باش تارتمايمەن

 

جاڭ مېيخەن چىڭخۇا داشۆدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى. ئۇ 2021-يىلى 3-ئايدا بېيجىڭدىن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ۋەتەننىڭ ئەڭ جاپالىق چېگرا رايونىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى تەلەپ قىلدى.

جاڭ مېيخەن يولغا چىقىش ئالدىدىكى كىشىلىك ھايات قەسىمىدە مۇنداق دەپ يازدى:

مەن تىمتاس چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا، ئۆز كەسپىم ۋە ئوقۇشۇمدا جاپا تارتىشقا رازى، ۋەتىنىمىز ئېھتىياجلىق بولسىلا مەن قىلچە باش تارتمايمەن!

دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش مېنىڭ 
ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئۆكۈنمەيدىغان تاللىشىم

جاڭ شۈ چىڭخۇا داشۆ بىيوخىمىيە كەسپىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، خېڭشۈي 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن جاڭ شۈ 726 نومۇر بىلەن چىڭخۇا داشۆگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، چىڭخۇا داشۆنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى.

بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان جاڭ شۈ قەتئىيلىك بىلەن ئارمىيەگە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى تاللاپ، قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان چاقىرىققا ئەگەشتى.

ئۇ مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئۇزىتىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ئىرادىسىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ، مەن تۈرلۈك جاپاغا بەرداشلىق بېرىشكە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويدۇم. يالقۇندەك يېلىنجاپ تۇرىدىغان ياشلىق مەزگىلىمدە ھەربىي گازارمىغا ئاتلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش مېنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئۆكۈنمەيدىغان تاللىشىم.

جەسۇر قىزلار ھەربىي سەپكە ئاتلاندى

بېيجىڭ داشۆسى يۈەنپېي شۆيۈەنىنىڭ 2018-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى بو مېيتىڭ بىلەن لى چى شەرەپلىك ھالدا ھەربىي سەپكە كىردى، بۇ جەسۇر قىزلار ھەربىي قىسىمدا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى!

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەسكەر بولۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بۇ گۈزەل زېمىننى ياخشى قوغدايمەن

چېڭ خەيياڭ بېيجىڭ داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ 2018-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى. ئۇ ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قىسىمغا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە ئىنتىلىشى ۋۇجۇدىدا ئۇرغۇۋاتقان قىزىل قاندىن كەلگەن.

ئارمىيەگە قاتنىشىش ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ھازىرقى راھەت مۇھىتتىن ھالقىپ چىقىپ، ھەربىيلىككە قاتنىشىپ، كۈرەشكە ئاتلاندى.

ئۇلار ئارمىيەگە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇردى، ئۇلار ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار كارتىنىسىدا ئۆز ئىزنالىرىنى قالدۇردى.

 

 

 

تورداشلار بەس-بەستە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى!

ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەس-بەستە ھەربىي سەپكە كىرگەنلىكىنى كۆرگەن تورداشلار: «يەنە بىر تۈركۈم يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر»، «مېنىڭمۇ ھەربىي سەپكە قاتناشقۇم كېلىۋاتىدۇ!» دېيىشتى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆدىن 30 ئوقۇغۇچى ھەربىي سەپكە قاتناشتى!

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆدىكى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ھەربىي سەپكە كىرمەكتە