ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىر ئەر ساقچىخانىغا كىرىپ مىلتىق چىقاردى، ئارقىدىن ...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-09 17:29

 

«قورالنى تاشلا! قىمىرلىما!»

يېقىندا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى جىشى شەھىرىدە بىر ئەر ساقچىخانىغا كىرىپ گەپ قىلمايلا مىلتىق چىقاردى. نۆۋەتچى خەلق ساقچىلىرى دەرھال ھوشيار ھالەتكە ئۆتتى. ئەسلىدە....

 

بۇ سىن توردا كەڭ تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نۆۋەتچى خەلق ساقچىسى باش ئىستانسا مۇخبىرىغا ئەينى چاغدىكى «خەتەرلىك» جەرياننى سۆزلەپ بەردى.

ناتونۇش ئەر ساقچىخانىغا كىرىپلا مىلتىقنى چىقاردى،
خەلق ساقچىلىرى دەرھال ھوشيار ھالەتكە ئۆتتى

2-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، جىشى شەھەرلىك چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى شياڭياڭ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى تيەن لىبو دىجورنىلىق ئىشخانىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. توساتتىن بىر خالتىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەر زالغا كىرىپ دىجورنىلىق ئىشخانىسىنىڭ كۆزنىكىگە قاراپ كەلدى.

تيەن لىبو مۇنداق دېدى: مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قانداق ئىش بېجىرمەكچى ئىكەنلىكىنى سورىدىم، ئۇ ئۈندىمەستىنلا قولىدىكى تاغارنى ئېچىپ بىر نەرسىنى ئالماقچى بولدى، نەرسىنىڭ يېرىمىنى چىقارغاندا مەن ئۇنىڭ ئۇزۇن مىلتىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.

ئۇ ئەرنىڭ ھەرىكىتى خەلق ساقچىسى تيەن لىبونى چۆچۈتىۋەتتى. ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان تيەن لىبو دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ «قورالنى تاشلا! قولۇڭنى كۆتۈر، قىمىرلىما!» دېدى ۋە زالغا قاراپ يۈگۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى گاۋ شۈمۇ زالغا تېز سۈرئەتتە يېتىپ كەلدى ۋە «يولداش، ئارقاڭغا بۇرال!» دېدى.

ساقچىلار تېز سۈرئەتتە ئۇزۇن مىلتىقنى ئەرنىڭ يېنىدىن باشقا تەرەپكە تېپىۋەتتى، ساقچىلارنىڭ بۇنچە ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەرمۇ جىددىيلىشىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈردى ۋە ياۋاشلىق بىلەن تامنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىپ ئۆرە تۇردى.

ئارتۇقچە چۆچۈپتۇ! ئەسلىدە بۇ ئەر قورالنى تاپشۇرۇپ بەرگىلى كەلگەن ئىكەن

خەلق ساقچىلىرى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەرنىڭ جىدۇڭ ناھىيەسىدىن ئىكەنلىكىنى، نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامبارنى رەتلەۋېتىپ بىر يەل مىلتىقنى بايقاپ قالغانلىقىنى، بۇ يەل مىلتىقنىڭ بوۋىسى ھايات ۋاقتىدا ئىگىدارلىق قىلغانلىقىنى، بوۋىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 10 نەچچە يىل بولغانلىقىنى، يەل مىلتىقنىڭ ئىزچىل ئامباردا ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى ۋە ھېچكىمنىڭ ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىنى بىلدى.

قورال تاپشۇرغىلى كەلگەن ئەر

 

تيەن لىبو مۇنداق دېدى: ھازىر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇنسىز قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

يېقىندا، بۇ ئەر خەلق ساقچىلىرى چاپلىغان قورال-ياراغ، ئوق-دورىنى يىغىۋېلىش تەشۋىقات ۋاراقچىسى ۋە بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ يەل مىلتىقنى ج خ ئورگىنىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان.

شۇ جايدىكى خەلق ساقچىلىرى چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

 

دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ قورالنىڭ يەل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان مىلتىق ئىكەنلىكى، ئېغىر دەرىجىدە چىرىپ ھەم داتلىشىپ كەتكەچكە بەتلىگىلى بولمايدىغانلىقى، بىراك قىلىنغان قورال-ياراغقا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. نۆۋەتتە، يىغىۋېلىنغان بۇ يەل مىلتىق ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ج خ ئورگىنى قورال-ياراغنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان ئەر سۈنxx نى جازالىمىدى.

ساقچىلار قورالنى قانۇن بويىچە يىغىۋالدى

 

تورداشلار: خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى توغرا چۈشىنىمىز!

تورداشلار بەس-بەستە خەلق ساقچىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

«مۇشۇنداق قوغدىغۇچىلار بولسىلا بىز تېخىمۇ بىخەتەر بولالايمىز»

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىر ئەر ساقچىخانىغا كىرىپ مىلتىق چىقاردى، ئارقىدىن ...

يېقىندا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى جىشى شەھىرىدە بىر ئەر ساقچىخانىغا كىرىپ گەپ قىلمايلا مىلتىق چىقاردى