ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكى بۇ ھادىسىدە 21 ئادەم قاپسىلىپ قالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:08

ئەسلى تېمىسى: شىنجاڭدىكى بىر كۆمۈر كاندا سۇ چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىپ، كان ئىشچىلىرىنى قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، قاپسىلىپ قالغانلارنى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى.

10-ئاپرېل سائەت 18 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى چۇرگۇل بازىرى فېڭيۈەن كۆمۈر كېنىنىڭ كان قۇدۇقىدا تېخنىكا ئۆزگەرتىش جەريانىدا تۇيۇقسىز سۇ چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، قۇدۇق ئاستىدا توك ۋە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە قۇدۇق ئاستىدا 29 ئادەم دىجورنىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، سەككىز ئادەم قۇدۇقتىن بىخەتەر چىقىرىلغان، 21 ئادەم قاپسىلىپ قالغان.

ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، كان ئىشچىلىرىنى قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە نەق مەيدانغا دەرھال بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قۇتقۇزۇش يوللىرىنى ئېچىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش؛ قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككىلەمچى ھادىسىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆمۈر كانلار، كۆمۈر كان بولمىغان باشقا تاغلاردا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش-تۈزەشنى بىر-بىرلەپ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، كۆمۈر نازارەتچىلىكى، گېئولوگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سەھىيە ۋە ساغلاملىق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە كەسپىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى، ئۈسكۈنىلىرىنى تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدىكى بۇ ھادىسىدە 21 ئادەم قاپسىلىپ قالدى

شىنجاڭدىكى بىر كۆمۈر كاندا سۇ چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى