ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كارامەت! ئۈندىدارنىڭ سىز بىلمەيدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-11 17:06

 

ئەزىز تورداشلار ياخشىمۇسىلەر! بۈگۈن كەمىنە تەھرىرچاق سىلەر بىلەن ئۈندىدارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى!

كۆپچىلىك ئادەتتە ئۈندىدار ياكى ئالىپاي (支付宝) ئارقىلىق پۇل تۆلىمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئەپنى ئېچىپ، ئاندىن سىكاننېرلاش ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ ياكى پۇل تۆلەش كودىنى چېكىپ پۇل تۆلەيسىلەرغۇ دەيمەن؟! بۇ قەدەم باسقۇچلىرى سىلەرگە ئاۋارىچىلىك بىلىنەمدۇ؟

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىنتايىن ئاددىي بىر ئۇسۇلى بار، پەقەت يان تېلېفونىمىزدىكى ئۈندىدار بەلگىسىنى بىردەم بېسىپ تۇرساقلا...

ئۈندىدارنى ئاچمايلا سىكاننېرلاش ئىقتىدارى ۋە پۇل تۆلەش كودىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ، قانداق، بۇ ئۇسۇل قالتىسمىكەن؟

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۈندىدار ئىككىلىك كودىنى ئاچقىلى بولىدۇ، باشقىلار ئۈندىدارىمىزنى قوشماقچى بولغاندا، ئۈندىدارنى ئېچىپ ئىككىلىك كودنى ئىزدەپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ.

ئوخشاشلا، ئالىغاي بەلگىسىنى بىردەم بېسىپ تۇرۇش ئارقىلىق سىكاننېرلاش ئىقتىدارى ۋە پۇل تۆلەش كودىنى بىۋاسىتە ئاچالايمىز، ئۇنىڭدىن باشقا [更多设置] (تەڭشەكلەر)نى بېسىپ، دائىم ئىشلىتىدىغان باشقا ئىقتىدارلارنى قوشۇۋالساقمۇ بولىدۇ.

مەسىلەن، بىز بىرلىكتە ساغلاملىق كودىنى قوشۇپ باقايلى!

بۇنداق بولغاندا بەزى ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگىنىمىزدە، ساغلاملىق كودىنى بىۋاسىتە ئاچالايمىز.

 

قانداق، بۇ قولاي ئۇسۇلنى ئۆگىنىۋالدىڭىزمۇ؟

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كارامەت! ئۈندىدارنىڭ سىز بىلمەيدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى...

ئەزىز تورداشلار ياخشىمۇسىلەر! بۈگۈن كەمىنە تەھرىرچاق سىلەر بىلەن ئۈندىدارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى!