ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئانا ئوغلىنى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا ئېلىپ كىرسە بولامدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 08:44

 

يېقىندا، ئاياللار ھاجەتخانىسى توغرىسىدىكى تېما يەنە قىزىپ كەتتى، بۇ قېتىم ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش ياكى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى كىچىك ئوغۇل بالىنى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا ئېلىپ كىرىش-كىرمەسلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن مۇنازىرە قىزىپ كەتتى.

مىكرو بىلوگدا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى يازما تور ئەھلىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى↓

تورداشلار مىكرو بىلوگىدا يازما ئېلان قىلغان بۇ ئانىنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مۇنازىرە قىلىشتى↓

بۇ ئانىنىڭ سۆزىدە ھېسسىيات تۈسى كۈچلۈكرەك بولسىمۇ، لېكىن «ئوغۇل بالا ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىش» ھادىسىسى ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئانا ئۆزى يالغۇز يېشى كىچىكرەك ئوغۇل بالىنى ئېلىپ سەپەرگە چىقسا (مەسىلەن، تۆت ياشتىن تۆۋەن)، ھاجەتخانىغا كىرىش ھەقىقەتەن چوڭ ئاۋارىچىلىك بولىدۇ.

ئەگەر كىچىك بالا ئۆزى يالغۇز ئەرلەر ھاجەتخانىسىغا كىرسە، ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ئاجىزراق بولغاچقا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ چوڭراق ئەرلەر ھاجەتخانىسىغا كىرىشكە توغرا كەلسە، سىرتتا بالىنى ساقلاۋاتقان ھەربىر ئانىنىڭ تەشۋىشلىنىشى ئېنىق. 

ئەگەر بالىنى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا ئېلىپ كىرسە، ھاجەتخانىغا بىللە كىرگەن ئاياللارنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ، مەسىلەن، بالىلار بەزىدە ئاپىسىنى ئىزدەپ ياكى كەپسىزلىك قىلىپ، باشقىلار ھاجەت قىلىۋاتقان خانىنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ، باشقا ئاياللارنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن.

«ئوغۇل بالىلار ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىش»تىن ئىبارەت بۇ كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان رېئاللىق ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمەت مەسىلىسى بولۇپ، ھاجەتخانىغا كىرگەن ئاياللارنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماستىن، يەنە بالىلارنىڭ جىنس ئېڭىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ھەرقايسى توپلارنىڭ مەنپەئەت كاپالىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلىدە بىر-بىرىمىزنى ئەيىبلىمەستىن، ھەل قىلىش لايىھەسى ھەققىدە باش قاتۇرۇشىمىز كېرەك. 

بىز بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تارماقلار ۋە رايونلارغا ئانا-بالا ھاجەتخانىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ياكى ئاياللار ھاجەتخانىلىرى ئىچىدە بىر قىسىم چوڭراق ئايرىمخانىلارنى كۆپەيتىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا ئانىلار بالىسىنى ئېلىپ بىۋاسىتە چوڭ ئايرىمخانىلارغا كىرىپ، ھاجەتخانىدىكى باشقا ئاياللارنىڭ شەخسىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تارماقلارغا شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا، ئالاھىدە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ھاجەتخانىلارنى كۆپرەك قۇرۇپ، ھەرقايسى توپلارنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

ھاجەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ مەسىلىدە سىزنىڭ يەنە قانداق ئامالىڭىز بار؟

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئانا ئوغلىنى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا ئېلىپ كىرسە بولامدۇ؟

يېقىندا، ئاياللار ھاجەتخانىسى توغرىسىدىكى تېما يەنە قىزىپ كەتتى، بۇ قېتىم ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش ياكى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى كىچىك ئوغۇل بالىنى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا ئېلىپ كىرىش-كىرمەسلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن مۇنازىرە قىزىپ كەتتى.