ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

"سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانا! "

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 08:44

 

«1-يىللىق 1-سىنىپتىكى ساۋاقداشلار، قايتساڭلار بولىدۇ، ساۋاقداشلار خەيرى-خوش، مۇئەللىم خەيرى-خوش ...»

چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمدا، شېنياڭ شەھىرى شېنخې رايونى يۈپېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئائىلە باشلىقلىرى يىغىلدى. كىشىلەر توپى ئارىسىدا، گاۋ گۇيخۇا  باشقا بىر قانچە «ئائىلە باشلىقى» ئوخشاش قىزىل جىلىتكە كىيىۋالغان بولۇپ، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ پىدائىيلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار خىزمىتى ئالدىراش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە مەسئۇل بولغانىدى. 

«گاۋ ھەدە، ياخشىمۇ سىز!» 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە، ئون نەچچە بالا ئارقا-ئارقىدىن گاۋ گۇيخۇانىڭ يېنىغا كەلدى، گاۋ گۇيخۇا بالىلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇلارنى باغرىغا باستى.

بۇنداق مەنزىرە بۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تەكرارلىنىۋاتقىلى 11 يىل بولدى. 

بۇ پىدائىيلارنى بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار «سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانا» دەپ ئاتىشاتتى.

«سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانىلار ئۆمىكى» يۈپېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنى ساقلىماقتا 

گاۋ گۈيخۇا مۇنداق دېدى: «2011-يىلى، مەن ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان ئەر-خوتۇننىڭ دائىم ئۇرۇشۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدىم، كېيىن سورىسام، ئۇلار بالىسىنى مەكتەپتىن ئەكېلىش مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۇرۇشۇپ قالىدىكەن».

شېنياڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئوقۇغۇچىلار چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمدا مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار سائەت تۆت يېرىمدا ئىشتىن چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن «بالىنى كىم ئالغىلى بارىدۇ» دېگەن مەسىلە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. باشقىلارغا قىزغىن ياردەم بېرىدىغان گاۋ گۇيخۇا مەھەللە كومىتېتى ئىشخانىسىغا بېرىپ، قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە مەخسۇس ياردەم بېرىدىغان  «سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانىلار ئۆمىكى» قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان. 

ھەر كۈنى ئاتا-ئانىلار ئۈندىدار توپى ئارقىلىق خىزمەتچى خادىملارغا ئۇچۇر يوللاپ قويسىلا، بالىسىنى مەكتەپتىن ئەكېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئائىلە باشلىقى چىن لىلى مۇنداق دېدى: «مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىمەن، بالىنىڭ دادىسىمۇ بەك ئالدىراش، بالىنى ئەكېلىش بىزنىڭ ئائىلىدىكى بىر چوڭ مەسىلە».  

«سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانىلار ئۆمىكى» ئوقۇغۇچىلارنى مەھەللىگە ئېلىپ ماڭماقتا

يۈپېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ لىنلىن مۇنداق دېدى: «بۇ ‹سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانا›لار يەنە مەكتەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، بىز ھەممىمىز ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن تىزىمغا ئالدۇردۇق، ئاندىن مەكتەپ سىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى بىر ئوقۇتقۇچىنى ئاجراتتى. يەنە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، مەھەللىگە بېرىپ بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىدۇ».

چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ شۇجىسى پەن يىڭ مۇنداق دېدى: «11يىلدا، ‹سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانىلار ئۆمىكى› دەسلەپتىكى 4 كىشىدىن 45 كىشىلىك مۇلازىمەت كوللېكتىپىغا تەرەققىي قىلدى، ئەتراپتىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلدى. ‹سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانىلار› يەنە ئىككىنچى دەرسخانا قۇردى، قورشاۋ شاھمات سىنىپى، خەتتاتلىق سىنىپى بار بولۇپ، ھەممىسىدە ھەقسىز دەرس ئۆتۈلدى». 

يۈپېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ لىنلىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا

ئوقۇغۇچى يىن جىياۋ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە، بىلمەيدىغان مەسىلىلەرگە يولۇقسام مۇئەللىمدىن سورايمەن، بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم بار، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىللە ئوينايمىز». چىڭچۈەن مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 2-قەۋىتىدە، ساۋاقداشلارنىڭ دەرس تەكرارلىشى ۋە كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن مەخسۇس ئۈچ ئېغىز ئۆي ئاجرىتىلغان.

ساۋاقداشلار ئىككىنچى دەرسخانىدىكى دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا

11 يىلدا، تۈركۈم-تۈركۈم بالىلار ئوقۇشقا كىردى، ئوقۇش پۈتتۈردى، گاۋ گۇيخۇا ۋە بۇ «سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانا»لار ھەر قېتىم ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگەندە، تولۇپ تاشقان مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ. «11 يىل ئىلگىرى بىز قوبۇل قىلغان باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر چوڭ يىگىت، چوڭ قىز بولۇپ كەتتى! بىز ئانىلارنىڭ ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىشى بالىلىرىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى كۆرۈش ئەمەسمۇ!» دېدى گاۋ گۈيخۇا.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

"سائەت تۆت يېرىمدىكى ئانا! "

«1-يىللىق 1-سىنىپتىكى ساۋاقداشلار، قايتساڭلار بولىدۇ، ساۋاقداشلار خەيرى-خوش، مۇئەللىم خەيرى-خوش ...»