ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىش داۋرىڭى كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-17 16:47

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى يېقىندا يېپىلدى ھەم بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شياڭگاڭ، شىنجاڭ، تەيۋەنگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگوغا قەستەن تۆھمەت قىلدى، ئىقتىساد-سودا، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق قارالمىلاردا جۇڭگونى يولسىز ئەيىبلىدى، ھەتتا يولسىز تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئاخباراتتا، جۇڭگو قەستەن ھاقارەتلىنىپ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن قارشىلىشىشقا قۇترىتىلىپ، خەلقئارا ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىنىپ، دەۋرنىڭ چاقى كەينىگە ياندۇرۇلدى، بۇ-ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك بولۇپ، كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ.

جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش نىيىتى قەبىھ. ئاخباراتتا، شياڭگاڭ، شىنجاڭ، تەيۋەن، نەنخەي دېڭىزىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ھەق ناھەق ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنىپ، كەلسە-كەلمەس ئەيىبلەندى. خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئىشلار پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ ئاخبارات-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ پايدا ئېلىشتەك دەۋر ئومۇملىقىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىق، ئارازلىق پەيدا قىلىپ، ئىختىلاپ، زىددىيەتلەرنى كېڭەيتىشتەك رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى، ھەم بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىش-كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى-قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى. بىر دۆلەت ياكى بىر دۆلەت گۇرۇھى پۈتۈن دۇنياغا بۇيرۇق قىلىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى. نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا دۇنيادا يامرىماقتا، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ پەسكويغا چۈشۈشى، جانلىنىشىنىڭ ئاجىز بولۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلار كۈنسايىن گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ موھتاج، ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە ئاخباراتى-دۇنيا ئەھلىگە «كىچىك گۇرۇھ»نىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان «گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى»، ئىدېئولوگىيەنى پاسىل قىلغان زوراۋانلىق سىياسىيسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. «كىچىك گۇرۇھ» كۆپ تەرەپچىلىككە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، خەلقئارا سىستېمىنىڭ يادروسىمۇ ئەمەس، ئۇ ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا تېخىمۇ پايدىسىز.

جۇڭگوغا قەستەن تۆھمەت چاپلاش ۋە ھاقارەت قىلىش-بىھۇدە ئاۋارىچىلىك. ئاخباراتتىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودىسى، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇم-ئامېرىكىنىڭ باشچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان كونا مۇقاملىرى بولۇپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا پاكىتقا ھەم قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئىلىم-پەنگە زىت. جۇڭگو-تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دۆلەت، جۇڭگو تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە باشتىن-ئاخىر كۈچ چىقىرىپ، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يەنە پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، تۆۋەن چېكى بار دۆلەت. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، جۇڭگونىڭ نام-ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزۈشكە، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوغا تېڭىلغان تۈرلۈك ئادالەتسىزلىك ۋە زىيانكەشلىكلەرگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىمىز.

بۇ قېتىمقى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، ئاتالمىش «ئىتتىپاقلىق» تەسەۋۋۇرى نامايان قىلىندى، ئەمما ئەمەلىيەتتە يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئويلىشىلدى. ئامېرىكا يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنى جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتلىشىدىغان ۋە قارشىلىشىدىغان ئىتتىپاققا ئايلاندۇرماقچى بولدى، لېكىن بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىغا ئەگىشىشنى خالىمىدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون يەتتە دۆلەت گۇرۇھى جۇڭگو بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان «كۇلۇب» ئەمەس دېدى. ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئالىم، كامبىرىج داشۆسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارتېن ژاك جۇڭگوغا بولغان پوزىتسىيەنىڭ ئوخشىماسلىقى دەل يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەڭ تىپىك ئىختىلاپلارنىڭ بىرى دېدى. 

ئامېرىكا «جۇڭگوغا قارشى ئىتتىپاق» قۇرۇپ، «ئامېرىكا قايتىپ كەلدى» دەپ جاكارلىماقچى بولدى، لېكىن ئۇ قايتىپ كەتمەكچى بولغان دۇنيا مەۋجۇت ئەمەس، خەلقئارا تەرتىپنى ئاز ساندىكى بىر قانچە دۆلەت كونترول قىلىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى. بىز يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇش، جۇڭگوغا تۆھمەت چاپلاشنى توختىتىش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىش، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىش ھەم خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىمىز.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىش داۋرىڭى كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ

    يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى يېقىندا يېپىلدى ھەم بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شياڭگاڭ، شىنجاڭ، تەيۋەنگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگوغا قەستەن تۆھمەت قىلدى، ئىقتىساد-سودا، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق قارالمىلاردا جۇڭگونى يولسىز ئەيىبلىدى،