ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا بىرئايال ئالدامچىنىڭ قىلتىقىغا چۈشكىلى تاس قالدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-20 08:50

 

 

 

 

    بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى باجياخۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى 5-ئىيۇل مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ھەرىكەتكە كېلىپ، 10 مىنۇت ئىچىدە 30 مىڭ يۈەن چىقىمنى جىددىي توختىتىپ، تەۋەلىكىدىكى بىر ئاممىنىڭ «ھەميېنى»نى قوغداپ، ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

    «جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالدى، تېزراق پۇل ئېلىپ بېرىڭ». شۇ كۈنى سائەت 13 تە، باجياخۇ تەۋەلىكىدىكى ئاھالە لو خانىم باجياخۇ ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىغا كېلىپ، 30 مىڭ يۈەن پۇل ئېلىش، پۇل پېرېۋوت قىلىش كەسپىنى بېجىردى. ئامانەت قەرز كوپىراتىپى خىزمەتچىلىرى لو خانىمنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، مەھەللە ساقچىلىرىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدى. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. 

    ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى زالىدا، خەلق ساقچىلىرى لو خانىم بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىداردىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭدا «تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىش، مۈلۈكنى توڭلىتىش، تىزگىنلەش بۇيرۇقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمەت كىنىشكىسى» قاتارلىق گۇمانلىق سۆزلەر ۋە سۈرەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، خەلق ساقچىلىرى دەرھال بۇنىڭغا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىدىغان تىپىك تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسى دەپ ھۆكۈم چىقاردى. لېكىن، لو خانىم: «مەن ياۋاش سەھرالىق، ئالدامچىنىڭ مەن بىلەن نېمە ئىشى!» دەپ ساقچىلارنىڭ گېپىگە ئانچە پىسەنت قىلمىدى. خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئون مىنۇت ئەتراپىدا سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىشى ۋە ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇشقا دائىر بەزى چۈشەنچىلەرنى بېرىشى بىلەن، لو خانىم ئاخىرى ئۆزىنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشەندى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خەلق ساقچىلىرى ۋە ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدىكى يولداشلارغا رەھمەت، ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار، مىڭبىر جاپادا تاپقان پۇلۇمنى ئالدامچى ئالداپ ئېلىۋالغان بولاتتى!» دېدى. 

  بورتالا ساقچى تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشى:  بۇنداق ئەھۋالدا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىڭ! 

    جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى دېلو بېجىرىشتە دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرگە كىنىشكىسىنى ياكى ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، ھەرگىز تېلېفون، QQ قاتارلىقلاردا ئەۋەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا تەمكىن بولۇپ، «ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق، ھېساباتىدىكى پۇلنى يۆتكىمەسلىك» كېرەك. بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش قىزىق لىنىيەسى 96110 غا ۋاقتىدا تېلېفون قىلىش ياكى دۆلەت ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى APPسىنى چۈشۈرۈپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئالدامچىلىقنى تونۇش مۇداپىئە سېپىلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇستەھكەملەش كېرەك. 

    سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىشىڭىز بەلكىم ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنى ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. قېنى، ھەمبەھرىلەشنى ئۇنۇتماڭ!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا بىرئايال ئالدامچىنىڭ قىلتىقىغا چۈشكىلى تاس قالدى!

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى باجياخۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى 5-ئىيۇل مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ھەرىكەتكە كېلىپ، 10 مىنۇت ئىچىدە 30 مىڭ يۈەن چىقىمنى جىددىي توختىتىپ، تەۋەلىكىدىكى بىر ئاممىنىڭ «ھەميېنى»نى قوغداپ، ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.