ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا پات ئارىدا "يېڭى شەرق تېز پويىزى" قاتنايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 08:59

 

ئەسلىي تېمىسى: شىنجاڭ تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىلىك كۆچمە مېھمانخانىسى━«يېڭى شەرق تېز پويىزى» پات ئارىدا قاتنايدۇ 

 

 

 

 

    بىر يىلدىن كۆپرەك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، 18-ئىيۇل يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايدىن قېلىشمايدىغان «يېڭى شەرق تېز پويىزى» ۋاگونىنىڭ بېزەش خىزمىتى تاماملاندى، يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىمالىي  ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت پويىزى سۈپىتىدە يىپيېڭى قىياپەت بىلەن شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. 

    «يېڭى شەرق تېز پويىزى» يىپەك يولىدىكى سۈپىتى بىرقەدەر يۇقىرى ساياھەت پويىزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ساياھەت، ياتاق، ئىستىراھەت بىر گەۋدىلەشكەن، ساياھەتچىلەرگە يېڭىچە ساياھەت تەسىراتى ئاتا قىلىدۇ. 

    18-ئىيۇل، مۇخبىر جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يولۇچىلار پويىزىنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش بازىسىغا كېلىپ، بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ساياھەت پويىزىنى زىيارەت قىلدى، ۋاگون ئىچىدىكى ئەسلىھەلەر قانداق؟ ساياھەتچىلەرنى قانداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؟

يۈرۈشلۈك ئايرىمخانىلىرى، خاس تازىلىق ئۆيى ۋە مۇنچىسى بار

    «يېڭى شەرق تېز پويىزى»نىڭ ۋاگونىغا كىرسىڭىز، يۇمشاق، سۇس يېشىل رەڭلىك گىلەم بىلەن دېرىزىسىدىكى سۇس يېشىل رەڭلىك پەردىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كىشىگە يورۇق، ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ، ۋاگون ئىچىنىڭ بېزىلىشىدە قېنىق رەڭلىك ياغاچ ماتېرىيال ئاساس قىلىنغان، قەدىمىي پۇراققا ئىگە خاس ئايرىمخانىنىڭ سىرتىغا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرە رەسىملىرى ئېسىلغان، ھەربىر ئايرىمخانىغا شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ نامى قويۇلغان. 

    2020-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى سېلىنمىنى زورايتىپ، يېڭى شەرق پويىزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بۇنى جۇڭگو پاراۋۇزى سىفاڭ پاراۋۇز چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالدى، يېڭى پويىز گەۋدىسى G25 تىپلىق يولۇچىلار پويىزىدىن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلدى. 

    دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «يېڭى شەرق تېز پويىزى»نىڭ 18 ۋاگونى بولۇپ، سەككىز سېرىق ئالماس ۋاگون ۋە ئون زەڭگەر ئالماس ۋاگوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەربىر سېرىق ئالماس ۋاگونغا سەككىز يولۇچى سىغىدۇ، ۋاگون ئىچىدە خاس ھاجەتخانىسى بار چوڭ كارىۋاتلىق تۆت ئېغىز يۈرۈشلۈك ئۆي بار؛ ھەربىر زەڭگەر ئالماس ۋاگونغا 28 يولۇچى سىغىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە تازىلىق ئۆيى ۋە مۇنچىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان يەتتە ئايرىمخانا بار. 

     سېرىق ئالماس ۋاگوندا، مۇخبىر ھەربىر ئۆيدە بىر چوڭ كارىۋات، كىتاب ئۈستىلى، كىيىم ئىشكاپى، ئۈستەل چىرىغى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى، خاس مۇنچا، تازىلىق ئۆيى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، مۇنچا بىلەن قول يۇيۇش ئورنى ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، ئومۇمىي ئەسلىھەنىڭ مېھمانساراينىڭ ياتىقى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆردى. 

    زەڭگەر ئالماس ۋاگوندا تۆت كىشىلىك ئايرىمخانا بولۇپ، ئىككى تەرەپكە ئاستى-ئۈستى ئىككى كارىۋات قويۇلغان، ۋاگوننىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن جۇڭگوچە ۋە غەربچە بېزەلگەن تازىلىق ئۆيى ۋە مۇنچا ئورنىتىلغان. 

    ئادەتتىكى كارىۋاتلىق ۋاگونلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، زەڭگەر ئالماس ۋاگونلارنىڭ كارىۋاتلىرى ئىنتايىن ئازادە بولۇپ، ئۈستىگە 78 سانتىمېتىر، ئاستىغا 90 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى كارىۋات قويۇلغان، ياتسا ئازادە ھەم راھەت ھېس قىلىدۇ.

ئاشخانا، قاۋاقخانا قاتارلىق ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن  

    «يېڭى شەرق تېز پويىزى»دا ئاشخانا، قاۋاقخانا ۋاگونلىرى بار. پويىز ئاشخانىسى جۇڭگوچە تاماق مۇلازىمىتى، ھەقسىز ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر كۈنى مىنېرال سۇ سوۋغا قىلىدۇ. 

    قاۋاقخانا ۋاگونىغا قەھۋە ئىچىدىغان ئۈستەل-ئورۇندۇقلار، تېلېۋىزور، ئاۋاز ياڭراتقۇ، كارا OK، پىيانىنو قاتارلىقلار سەپلەنگەن بولۇپ، ھەر خىل ئىچىملىكلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

    ئۈرۈمچى تۆمۈريول گۇرۇھى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى كەسىپ دىرېكتورى سۈن يۆ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مېھمانلار ئۆيدىكىگە ئوخشاش راھەتلىنەلەيدۇ ۋە ھەر خىل قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، يەنە دوستلىرى بىلەن مۇڭدىشالايدۇ، پىيانىنو چېلىپ، كىنو كۆرۈپ، كارا OKدا ناخشا ئېيتىپ ياكى چاي ئىچىپ ھۇزۇرلىنالايدۇ. پويىزدىكى ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، پۈتۈن پويىزغا WiFi قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن، ساياھەتچىلەر سەپەر جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ». 

    ئادەتتىكى پويىز ياكى مەخسۇس پويىزغا سېلىشتۇرغاندا، «يېڭى شەرق تېز پويىزى» نىڭ ھىملىقى، مۇقىملىقى، تەۋرىنىشنى ئازايتىشچانلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، تولىمۇ راھەت. 

    ھەربىر ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال مىقدارىنى تەڭشەيدىغان ئۈزچات بار، كارىۋات بېشىدا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفونغا توك قاچىلىغىلى بولىدىغان USB ئېغىزى بار بەش ئۆزەكلىك توكچات بار؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۈستەل، تازىلىق ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە توكچات ئورنىتىلغان، ساياھەتچىلەرنىڭ خالىغان ۋاقىتتا توك قاچىلاپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق.  

    ئەسلىھەلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن باشقا، پويىزنىڭ مۇلازىمىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھەربىر ۋاگونغا مەخسۇس مۇلازىمەتچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر كۈنى ۋاگون ئىچىنى قەرەللىك رەتلەپ، پاكىز، كۆركەم ھالەتنى ساقلاپ، ساياھەتچىلەرنى پۈتۈن مۇساپىلىك مەخسۇس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

    نۆۋەتتە، «يېڭى شەرق تېز پويىزى»نىڭ يېڭى پويىز گەۋدىسى تولۇق تەييارلىنىپ بولدى، پات ئارىدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان ساياھەت پويىزى سۈپىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە يىپيېڭى ساياھەت تەسىراتى ئاتا قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا پات ئارىدا "يېڭى شەرق تېز پويىزى" قاتنايدۇ

ئەسلىي تېمىسى: شىنجاڭ تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىلىك كۆچمە مېھمانخانىسى━«يېڭى شەرق تېز پويىزى» پات ئارىدا قاتنايدۇ