ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تېز يوللانما ئىشكاپىدىن كىچىك بالا چىقتى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-13 08:40

    تېز يوللانما ئىشكاپىغا سولىنىپ قالغان كىچىك بالا توختىماي يىغلاپ، ئاتا-ئانىلىرىنى تەمتىرىتىپ قويدى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى... زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟

1


ئاچىسى تېز يوللانما ئېلىۋاتقاندا، كەپسىز ئۇكىسى تېز يوللانما ئىشكاپىغا كىرىۋالغان، كۈتۈلمىگەندە ئىشكاپ ئىشىكى قۇلۇپلىنىپ قالغان 

    يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم ئاھالىلەر بىناسى يېنىدا، بىر جۈپ ئاچا-ئىنى ئاپىسىغا ياردەملىشىپ تېز يوللانما ئىشكاپىدىن پوسۇلكا ئالماقچى بولغان، ئاچىسى پوسۇلكىنى ئېلىۋاتقاندا كەپسىز ئىنىسى تېز يوللانما ئىشكاپىغا كىرىۋالغان، ئارقىدىن تېز يوللانما ئىشكاپى قۇلۇپلىنىپ قالغان. 

    شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، ئۇلار ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا ئىشكاپ ئىچىدىكى بالىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ئۇلار دەرھال ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن. 

    ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۇ ئوغۇل بالىنى بەزلىگەچ تېز يوللانما ئىشكاپىنىڭ ئىشىكىنى قومۇرۇپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىققان. 

    بۇ تاسادىپىي ۋەقەدىن چۆچۈپ كەتكەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كىچىك بالىلارغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان «يوچۇقلار»نىڭ تىزىملىكىنى تۆۋەندىكىدەك رەتلەپ چىقتى. 

ئاتا-ئانىلار بۇ نۇقتىلارغا چوقۇم دىققەت قىلىڭلار!  

2


بۇ جايلار ئاسانلا بالىلارنىڭ بېشىنى قىسىۋالىدۇ! 

    ئورۇندۇقنىڭ ياندىكى قول قويىدىغان يۆلەنچۈكى، سافا يوچۇقى، بالكوندىكى ئوغرىدىن ساقلىنىش دېرىزىسى، سودا سارىيىنىڭ ئەينەك ئىشىك يوچۇقى، قورشاۋ تام يوچۇقى، رېشاتكا، ئاپتوموبىل دېرىزىسى... 

بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى: 

    بۇ جايلارغا بالىلار قىسىلىپ قالسا قورقۇپ، توختىماي تىرمىشىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلغانسېرى بېشى يوچۇققا تېخىمۇ چىڭ قىسىلىپ قالىدۇ. ئەگەر نەپەس يولىنى قىسىۋالسا بالا تۇنجۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. 

جىددىي بىر تەرەپ قىلىش: 

    ئامال بار بالىنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇپ، تولغىشىش سەۋەبىدىن تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ بەدىنى بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالغان بولسا، چوقۇم ئالدى بىلەن بالىنىڭ بەدىنىنى كۆتۈرۈپ، نەپەس يولىنى بېسىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

يېنىكلىك بىلەن «بۇزۇپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى»نى قوللانماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ بالىلار ئەينەك ئىشىك-دېرىزىلەرگە قىسىلىپ قالغاندا، يېنىكلىك بىلەن دېرىزىنى چاقماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا ئىككىنچى قېتىم زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

3


بۇ جايلار ئاسانلا پۇت-قول بارماقلىرىنى قىسىۋالىدۇ! 

    گايكا، بۇرما مىخ تۆشۈكى، قۇلۇپ تۆشۈكى، ئۈزۈك، ئاچقۇچ ھالقىسى، ئۈستەل-ئورۇندۇقلاردىكى كىچىك تۆشۈكلەر، ۋېلسىپىت زەنجىرى، ئويۇنچۇقتىكى كىچىك تۆشۈكلەر... 

بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى: 

    پۇت-قول بارماقلىرىنىڭ قىسىلىپ قېلىشى گەرچە ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت چىقىرالماي قالسا، بارماقلارغا قان يېتىشمەي نېكروزلىنىدۇ. 

جىددىي بىر تەرەپ قىلىش: 

    بۇنداق چاغدا بارماقلارنى كۈچەپ تارتماسلىق كېرەك، بولمىسا بارماق ئاسانلا زەخىملىنىدۇ، ھەتتا بارماق سۆڭەكلىرى سۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن. 

    قىسىلىپ قالغان ئورۇنغا سۇ يېغى، سوپۇن سۈيى قاتارلىق سىلىقلاش سۇيۇقلۇقلىرىنى سۈركەپ، ئاندىن بالىنىڭ بارمىقىنى ئاستا-ئاستا چىقىرىۋېلىش كېرەك. 

    ئەگەر چىقىرىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ھەمدە بارماقلىرىدا قىزىرىپ ئىششىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سوراش كېرەك. 

4


ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئەسكەرتىشى: 

    بالىلار تەبىئىيىتىدىن شوخ، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بولىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى ھەرۋاقىت كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلسە، قارىغۇلارچە قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنماي، ۋاقتىدا 119 غا تېلېفون قىلىپ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تېز يوللانما ئىشكاپىدىن كىچىك بالا چىقتى؟

تېز يوللانما ئىشكاپىغا سولىنىپ قالغان كىچىك بالا توختىماي يىغلاپ، ئاتا-ئانىلىرىنى تەمتىرىتىپ قويدى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى... زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟