ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

3 مىنۇت، 20 يىل، 4 زۇڭتۇڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-13 08:40

    ئامېرىكا قوزغىغان ئەڭ ئۇزاق ئۇرۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى، بۇ جەرياندا زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە چىققان تۆت زۇڭتۇڭ نېمە ئىشلارنى قىلدى؟ تۆۋەندە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى 20 يىلنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتەيلى.

 

 

 

    20  يىل بۇرۇنقى 11-سېنتەبىر نىيۇيوركتىكى دۇنيا سودا سارىيىنىڭ قوش بىناسى تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 3000دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، كىچىك بۇش ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا تارىخىدىكى بۇ ئەڭ ئۇزاق ئۇرۇش باشلاندى. 

    11-سېنتەبىر كۈنى كەچتە، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جورج ۋالكېر بۇش سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنى «دۇنيانىڭ ئەركىنلىكى ۋە پۇرسىتىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان ئەڭ يورۇق ماياك» دەپ ئاتىدى، ھەمدە «قوشۇنىمىز تەڭداشسىز قۇدرەتلىك، ھەرۋاقىت ئاتلىنىشقا تەييار تۇرماقتا»، ئامېرىكا «بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا تولۇق غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. 
    2001-يىل 7-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئەينى چاغدا تالىباننىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن «بازا» تەشكىلاتىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. 
    2009-يىلى فېۋرالدا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئافغانىستانغا 17 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2010-يىلىغا كەلگەندە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانى 100 مىڭغا يېتىپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. 
    2011-يىل 2-ماي، پاكىستاننىڭ ئابوتئابادتا، بىن لادېن ئامېرىكا ئارمىيەسى قوزغىغان نۇقتىلىق ھەرىكەتتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئوباما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئامېرىكا ھەرىكەت قوللىنىپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئۇساما بىن لادېننى ئۆلتۈردى» دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىدىن  تۆۋەنگىچە تارقالغان «ئىمپېرىيە ئىنتىقامىنى ئېلىش» كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. 
    2011-يىل 22-ئىيۇل، ئوباما ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، 2012-يىلى ياز پەسلى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن جەمئىي 33 مىڭ ئەسكەرنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئامېرىكىدىكى دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ساداسى ئالدىدا، 2012-يىل 1-ماي ئوباما ئىنكاس قايتۇرۇپ: «جاۋاب ئېنىق، بىز ئافغانىستانغا چوقۇم مۇقىملىشىش پۇرسىتى بېرىشىمىز كېرەك» دېدى. 
    2014-يىل 27-ماي، ئوباما ئاقسارايدا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئامالسىز ھالدا: «مېنىڭچە، ئامېرىكا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇنى باشلاشتىنمۇ تەس بولىدىغانلىقىدەك بىر داۋلىنى چۈشەندى» دەپ ئېتىراپ قىلدى. 
    2019-يىل 27-ئىيۇل، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن سۆھبەتلەشكەندە: «بىز دۇنيانىڭ ساقچىسى ئەمەس، بىزنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقىنىمىزغا 19 يىل بولدى» دېدى. 
    2020-يىل 29-فېۋرال، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2021-يىلى مايدىن بۇرۇن ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا قوشۇلدى. 
    2020-يىل 2-مارت، ترامپ: «بىز تالىبان بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلەشتۇق. بىز ئافغانىستاندىن كېتىمىز، بىز ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈرۈپ كېتىمىز» دېدى. 
    2021-يىل 14-مارت، يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جوسېف بايدىن سۆزىدە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىنى قايتا تەكىتلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلغان تۆتىنچى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، ھازىرغىچە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىككى زۇڭتۇڭى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىككى زۇڭتۇڭى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى، مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى بەشىنچى زۇڭتۇڭغا قالدۇرۇپ قويمايمەن». 
    2021-يىل 14-ئاپرېل، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جوسېف بايدىن 1-مايدىن باشلاپ ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تالىبانلار توسالغۇسىز ئىلگىرىلەپ، ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى، ئەڭ ئاخىرى 15-ئاۋغۇست پايتەخت كابۇلنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلدى. 
    داۋىد لاگېرىدا دەم ئېلىۋاتقان بايدىن ئالاقزەدىلىك ئىچىدە دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 16-ئاۋغۇست پۈتۈن مەملىكەتكە سۆز قىلىپ: «مەن ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشىنى توختىتىش قارارىنى چىقارغىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن» دېدى. 
    كېيىنكى ئون نەچچە كۈن ئىچىدە، ئامېرىكا «ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە» ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. كابۇل ئايرودۇرۇمدا بىر قاتار قالايمىقانچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، 30-ئاۋغۇست يېرىم كېچىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈردى. 
    2021-يىل 31-ئاۋغۇست، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن ئامېرىكا خەلقىگە «ئامېرىكىلىق قېرىنداشلىرىم، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشىمىز ھازىر ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

3 مىنۇت، 20 يىل، 4 زۇڭتۇڭ

ئامېرىكا قوزغىغان ئەڭ ئۇزاق ئۇرۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى، بۇ جەرياندا زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە چىققان تۆت زۇڭتۇڭ نېمە ئىشلارنى قىلدى؟ تۆۋەندە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى 20 يىلنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتەيلى.