ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى شىن يۈلىڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 15:19

كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ساھەسىگە ئاساس سالغۇچى شىن يۈلىڭ

«كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش ــــ 1-ئىيۇل ئوردېنىغا ئېرىشكۈچىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزدە كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ساھەسىگە ئاساس سالغۇچى شىن يۈلىڭنى تونۇشتۇرىمىز.

100 ياشتىن ئاشقان شىن يۈلىڭ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ، «1-ئىيۇل ئوردېنى»نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھاياجانلىنىپ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىدا قىزى شياۋمېي ئوردېننى ئالغىلى بارغان ئىدى. شىن شياۋمېي: بىر سۇلماس قارىغاي دەرىخى بولۇش دادامنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى ئىدى، دېدى.

1938-يىلى، 17 ياشلىق شىن يۈلىڭ 8-ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ئوتتۇرا خېبېي سەھىيە بۆلۈمىنىڭ سەھىيە خادىمى بولغان. 1939-يىلى ئىنتېرناتسىيونالىزم جەڭچىسى بېتيوننىڭ داۋالاش ئەترىتىگە ئەۋەتىلگەن.

1970-يىلى شىن يۈلىڭ يىڭنە سانجىپ ناركوز قىلىشنى تۇنجى قېتىم كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ئوپېراتسىيەسىدە قوللانغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يىڭنە سانجىپ ناركوز قىلىپ 1400 دىن ئارتۇق بىمارنىڭ ئۆپكىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغان، بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %98 كە يەتكەن.

1972-يىلى ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نېكسون جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى كۆرۈپ بېقىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان. يىڭنە سانجىپ ناركوز قىلىش جۇڭگونىڭ يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئاساس سالغان.

شىن يۈلىڭ ئېلىمىزنىڭ كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ساھەسىگە ئاساس سالغۇچى، جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توپتوغرا 60 يىل ئوپېراتسىيە پىچىقىنى تاشلىمىغان، 82 يېشىدا بىمارنىڭ ئۆپكىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغان، 86 يېشىدا بىمارنى ئېلېكتىرو خىمىيەلىك داۋالىغان ......شىن يۈلىڭ ئۇرۇش ئوتلىرى ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان بولۇپ، «بېتيونچە دوختۇر» دەپ تەرىپلەنگەن. يۈز يىللىق سەمىمىي ساداقىتى بىلەن كىشىلىك ھايات رىۋايىتىنى يېزىپ چىققان. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى شىن يۈلىڭ

كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ساھەسىگە ئاساس سالغۇچى شىن يۈلىڭ