ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يان تېلېفونىنى رېمونت قىلدۇرۇپ سۈرەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 08:38

  يېقىندا، شاڭخەيدىكى بىر قىز ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا يان تېلېفونىنى رېمونت قىلىشقا بەرگەندە شەخسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە يازما ئېلان قىلدى.

 

    ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ بېشىدا، بۇ قىز بىر يان تېلېفون رېمونتخانىسىغا بېرىپ يان تېلېفونىنى رېمونت قىلدۇرغان، يان تېلېفون رېمونتخانىسىنىڭ رېمونتچىسى ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇۋالغان، ئەتىسى ئۇ قىز بىر پارچە پوچتا يوللانمىسى تاپشۇرۇۋالغان، پوچتا يوللانمىسىدا «تەكلىپ» دېگەن بىر تاللا خەت يېزىلغان بولۇپ، قوشۇمچە ھۆججىتىگە بۇ قىزنىڭ بىر پارچە يالىڭاچ سۈرىتى قىستۇرۇلغان، بۇ قىز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

    ئارقىدىن، بۇ قىز ئىككىنچى پارچە پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇ پوچتا يوللانمىسىدىمۇ ئۇنىڭ يالىڭاچ سۈرىتى يوللانغان.

    ج خ ئورگىنى بۇ پوچتا يوللانمىسىنى يوللىغان ئەرنى تۇتۇپ بەش كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرگەن. بۇ قىز ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا كۆپچىلىككە يان تېلېفوننى رېمونت قىلدۇرغاندا چوقۇم ياندا تۇرۇپ كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.

    تۇرمۇشتا قانداق قىلغاندا يانفوندىكى شەخسىي سىرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

    تۆۋەندە بەزى ئاددىي ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىمىز:

 يان تېلېفون رېمونت قىلدۇرغاندا

    1. رېمونت قىلغۇچى خادىملارغا يان تېلېفوننى ئېچىش مەخپىي نومۇرىنى تەمىنلەشنىڭ زۆرۈر ياكى زۆرۈر ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك. ئېكران ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولمىغان باتارېيە، ئارقا قاپ قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق رېمونت قىلىش تۈرلىرىدە، يان تېلېفوننى ئېچىش مەخپىي نومۇرى قاتارلىق بىخەتەرلىك مەخپىي نومۇرلىرىنى يېنىكلىك بىلەن تەمىنلىمەسلىك كېرەك.
    2. يان تېلېفوننى ئامال بار نەق مەيداندا تۇرۇپ رېمونت قىلدۇرۇش، رېمونت جەريانىدا ئوبدان كۆزىتىش كېرەك.
    3. رېمونتچىلارنىڭ نەق مەيداندىكى ھەربىر مەشغۇلاتىغا دىققەت قىلىپ، يان تېلېفونغا زۆرۈر بولمىغان نامەلۇم سىمىلارنى ئۇلاشنى توسۇش كېرەك.
    4. يان تېلېفوندا ئامال بار مۇھىم مەخپىي ئۇچۇرلارنى ساقلىماسلىق كېرەك

يان تېلېفون ئالماشتۇرغاندا

    1. مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى يۆتكەش ياكى زاپاس ساقلاش كېرەك.
    2. يان تېلېفوننى تەكرار فورماتلاش ياكى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتۇرۇش كېرەك.
    3. خالىغانچە تاشلىۋەتمەستىن مۇنتىزىم يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىش كېرەك.

 يان تېلېفوننى يىتتۈرۈپ قويغاندا

    1. دەرھال تېلېگراف شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ، تېلېفوننىڭ يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ۋە SIM  كارتىنى توڭلىتىۋېتىش كېرەك.
    2. چىقىمدان، ئۈندىدار قاتارلىق دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال ھېسابات نومۇرىنى توڭلىتىۋېتىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يان تېلېفونىنى رېمونت قىلدۇرۇپ سۈرەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتتى!

يېقىندا، شاڭخەيدىكى بىر قىز ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا يان تېلېفونىنى رېمونت قىلىشقا بەرگەندە شەخسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە يازما ئېلان قىلدى.