ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇ 4-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قانداق قۇتقۇزدى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 08:38

    جياڭشى ئۆلكىسى شاڭراۋ شەھىرى پوياڭ ناھىيەسىدە بىر ئوغۇل بالا بىر بىنانىڭ 4-قەۋىتىدىن تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەن، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان لى ۋېنجۈن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ بالىنى تۇتۇۋالغان.

 

    سىنكۆزدە تارتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن شاڭراۋ شەھىرى پوياڭ ناھىيەسى لۇتيەن سانائەت باغچىسىدا تۇيۇقسىز بىرەيلەننىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغان، بىر بوۋاي ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىدىن چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان بىرەيلەننى تۇتۇۋېلىشقا تەييارلانغان، سانائەت باغچىسىدا سەيلە قىلىۋاتقان لى ۋېنجۈن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىنانىڭ يېنىغا ئۇچقاندەك يېتىپ كەلگەن.

    ئەسلىدە، بۇ بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتى تاقىلىپ قالغان بىر مېھمانخانا بولۇپ، چۆرىسىدە مۇھاپىزەت رېشاتكىلىرى يوق ئىكەن. بىر بالا 4-قەۋەتتە ئويناۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىنانىڭ گىرۋىكىدە ئېسىلىپ قالغان، ئەتراپتىكىلەر بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ ۋارقىراشقان، ئارقىدىنلا بالا 4-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن.

    لى ۋېنجۈننىڭ ئىنىسى لى ۋېنپىڭ مۇنداق دەيدۇ: لى ۋېنجۈن بالىنى تۇتۇۋالغاندا، لى ۋېنجۈننىڭ بېشى يېرىلىپ قاناپ كەتكەن بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن، يەتتە-سەككىز يىپ قىلىپ تىكىلدى، قاڭشىرىمۇ سۇنۇپ كېتىپتۇ، ھازىر يەنىلا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، بەختكە يارىشا بالا يېنىك يارىلىنىپتۇ.

    ھەممىمىز ياردەمسۆيەر لى ۋېنجۈنگە ئالقىش ياڭرىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇ 4-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قانداق قۇتقۇزدى؟

جياڭشى ئۆلكىسى شاڭراۋ شەھىرى پوياڭ ناھىيەسىدە بىر ئوغۇل بالا بىر بىنانىڭ 4-قەۋىتىدىن تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەن، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان لى ۋېنجۈن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ بالىنى تۇتۇۋالغان.