ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىلىقلار ئاي شارىدا Wi-Fi ئورناتماقچىمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 08:53

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇنداق دەيدۇ: NASA ئاي شارىغا Wi-Fi ئورنىتىپ، يەر يۈزىدىكى ئالاقە تورى مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى.

ئامېرىكا فوكس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، NASA نىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا ئاي شارى Wi-Fi تورىنىڭ يەر شارىدىكى مۇقىم تور سىگنالىغا ئېرىشەلمەيدىغان مەھەللىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بۇ تەتقىقاتنى  NASAنىڭ ئوھىئو ئىشتاتى كىلېۋېلاند شەھىرىگە جايلاشقان گىرېن تەتقىقات مەركىزى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ تەتقىقاتتا يەر شارىدىكى ئالاقە تورىنى تۇتاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىشان قىلىنغان.

 فوكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاي شارىدا Wi-Fi تورىنى سىناق قىلىش ئارقىلىق كىلېۋېلاند شەھىرىدىكى رەقەملىك ھاڭنى يوقاتماقچى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەشكىلاتى چوڭ كىلېۋېلاند ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىمۇ NASA بىلەن ئالاقىلىشىپ، %31كە يېقىن كەڭ بەلباغلىق تورغا ئۇلانمىغان كىلېۋېلاند ئاھالىلىرىگە Wi-Fi  تورىنى يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تېپىپ چىقماقچى بولغان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ تور قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىدىن ئاغرىندى، بەزى تاراتقۇلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونى سېلىشتۇردى.

فوكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: گەرچە ئاي شارى Wi-Fi تورى ھازىر يەنىلا ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇقۇمنىڭ قوللىنىلىشى يەر شارىدىكى مەھەللە ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن ئىلھام ئېلىپ كېلىدۇ.

ئاي شارىغا ئالاقە تورى ئورنىتىش توغرىسىدا بۇلتۇر بەزى تاراتقۇلار مۇنداق دېگەن: NASA كەلگۈسىدە ئاي شارى بازىسى قۇرۇش ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىدا تۇرمۇش كەچۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 300 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئاجرىتىپ، نەچچە ئون شىركەتنىڭ ئاي شارى يۈزىدە ئالاقىدار تەجرىبىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن. بۇ تەجرىبىلەر يىراق مۇساپىلىك توك چىقىرىش تېخنىكىسى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا توڭلىتىش تېخنىكىسى، ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى ۋە بىخەتەر قونۇش تېخنىكىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارغا دائىر تەجرىبىلەرنى، شۇنىڭدەك ئالاقە تورى تەجرىبىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر قىزىقچىلىق قىلىپ، ئاي شارىدىكى تور سىگنالى يەر شارىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھېچقانداق دەرەخ، ئىمارەت ياكى تېلېۋىزىيە سىگنالىنىڭ كاشىلىسى بولمايدۇ، دېيىشتى. ئاي شارىدىكى ئالاقە تورى ئۈسكۈنىلىرى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىسى، رادىياتسىيەسى ۋە ۋاكۇئۇم مۇھىتىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ ئالاھىدە لايىھەلىنىشى كېرەك.

فوكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: كىلېۋېلاند شەھىرى يېقىندا 20 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، شۇ جاينىڭ كەڭ بەلباغلىق تورنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى. ئاي شارىدا ئالاقە تورى قۇرۇش پىلانى شۇ جايدىكىلەرنى ئىلھاملاندۇردى.

كىلېۋېلاند شەھىرىگە قاراشلىق كۇياھوگا ناھىيەسىنىڭ ئەمەلدارى كاتېرىن تىكاچىك مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇلار ئاي شارىدا ئالاقە تورى بەرپا قىلالىسا، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ يەردە ئالاقە تورى بەرپا قىلالايمىز. مەن ئالەم بوشلۇقى خىزمىتىنى بۇ يەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزگە قانداق تەتبىقلاشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدىم... بۇ بىر ئىنتايىن كۈچلۈك ھەل قىلىش لايىھەسى، بۇ دەل بىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىلىقلار ئاي شارىدا Wi-Fi ئورناتماقچىمۇ؟

بەزى مۇتەخەسسىسلەر قىزىقچىلىق قىلىپ، ئاي شارىدىكى تور سىگنالى يەر شارىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھېچقانداق دەرەخ، ئىمارەت ياكى تېلېۋىزىيە سىگنالىنىڭ كاشىلىسى بولمايدۇ، دېيىشتى.