ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقە ئامېرىكىدىمۇ يۈز بەردى ...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-19 08:30

رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن «كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر كۆرۈنۈش»نى ئاشكارىلىغان: بىر ئايال يېرىم كېچىدە يولۇچىلار پويىزىدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئەتراپتىكى يولۇچىلار ساقچىغا مەلۇم قىلماي ئەكسىچە ۋەقەنى سۈرەتكە تارتقان.

    ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە قىستا-قىستاڭ بىر يولۇچىلار پويىزىدا يېقىندا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن: بىر ئايال كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا بىر ئەرنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، لېكىن ئەتراپتىكى يولۇچىلار قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇپ، ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان، بەزىلەر ھەتتا ۋەقەنى سىنغا ئالغان.

    «بۈگۈنكى رۇسىيە» (RT) گېزىتىنىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە يۇقىرىقى ۋەقە ئاشكارىلانغان، خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى 13-ئۆكتەبىر كەچ سائەت 23 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى شەرقىي جەنۇبىي قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى (SEPTA)نىڭ فىلادېلفىيەدىن شەھەر ئەتراپى رايونىغا بارىدىغان پويىزدا يۈز بەرگەن. SEPTAنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگاننىڭ بىر خىزمەتچىسى ئاخىرىدا بۇ باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى بايقىغان ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ئارقىدىن ساقچىلار يېرىم يالىڭاچ جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

    شۇ جايدىكى بىر ئالاقىدار ساقچى مۇنداق دېگەن: «كۆزىتىش ئاپپاراتىدا بۇ ۋەقە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تەكشۈرگۈچىلەرنى يېتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى. سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، باشقا يولۇچىلار پۈتكۈل دېلو جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، لېكىن ھېچكىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياردەم قىلمىغان. بۇ كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ، مەن بۇنىڭغا بەك ھەيران قالدىم، ئەتراپتىكىلەر ئۇ ئايالغا ياردەم قىلىشى كېرەك ئىدى».

    خەۋەر قىلىنىشىچە، ساقچىلار ئەتراپتىكى يولۇچىلار كۆرگەن ئۇچۇرلارنى توپلىماقچى بولۇپ بۇ يولۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى جەزملەشتۈرگەن. SEPTAنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا باشقا يولۇچىلار ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولسا، باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى بالدۇرراق چەكلەش مۇمكىن ئىكەن.

    «بۈگۈنكى رۇسىيە» گېزىتى فوكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بىر قىسىم يولۇچىلار باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايالغا ياردەم بەرمەستىن ئەكسىنچە يان تېلېفونىدا دېلو جەريانىنى سۈرەتكە ئالغان.

    بۇ ۋەقە توردا مۇنازىرە قوزغىغان، بىر قىسىم تورداشلار ياندا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغانلارنىڭ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

    -نېمە دەيدىغاندۇ، ئەتراپتىكىلەر ياردەم قىلماستىن سۈرەتكە ئېلىۋاتىدۇ دېدىڭىزمۇ؟

    -ئالاقىدار تارماقلارغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلماي جىنايى قىلمىشنى سۈرەتكە ئېلىشمۇ جىنايەتتۇر.

    -ۋەقە جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلغان شۇ كىشىلەر قانداق ئىنسانلاردۇر؟ بىچارە ئايال ئىككى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقە ئامېرىكىدىمۇ يۈز بەردى ...

رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن «كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر كۆرۈنۈش»نى ئاشكارىلىغان: بىر ئايال يېرىم كېچىدە يولۇچىلار پويىزىدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئەتراپتىكى يولۇچىلار ساقچىغا مەلۇم قىلماي ئەكسىچە ۋەقەنى سۈرەتكە تارتقان.