ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتى مۇزلاپلا تۇرىدىغان كىشىلەر سەل قارىماڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-24 08:43

 سوغۇق قىش پەسلىدە، ئادەم بەدىنىدە ھەمىشە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇتى مۇزلاپ تۇرىدىغان كونا كېسىلى يەنە قوزغىلىدۇ. كىشىنى ئەنسىرىتىدىغىنى، شۇنچە قېلىن كىيىۋالغان تەقدىردىمۇ بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ھەتتا، بەزىلەرنىڭ پۇتى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق سوغۇق تۇرىدۇ. 

دىققەت! ئەگەر پۇتىڭىز دائىم مۇزلاپ تۇرسا، قان تومۇرىڭىزدا كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن! 

ئۇنداقتا، پۇت مۇزلاشنىڭ نورمال ئەھۋال ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋال ئىكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ئالامەتنى قانداق قىلغاندا پەسەيتكىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى يازمىدا بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرىلگەن. 

 

1

 

پۇتىڭىز مۇزلاپلا تۇرسا، ئارتېرىيە قان تومۇرىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن! 

ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنى قان تومۇرلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئارتېرىيە ۋە ۋېنا دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئارتېرىيە قان ۋە ئوزۇقلۇقنى يۈرەكتىن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، ۋېنا بولسا قاننى يۈرەككە قايتۇرۇپ كېلىشكە مەسئۇل بولىدۇ. 

يۈرەكتىن چىققان چوڭ ئارتېرىيەلەر خۇددى دەرەخقە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كىچىك ئارتېرىيەلەرنى ھاسىل قىلىپ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزا ۋە مۈچىلەرنى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

ئەگەر پۇتنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيەدە مەسىلە كۆرۈلسە (تارايسا ياكى توسۇلسا)، پۇتنى قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماي، ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، پۇت مۇزلاش، پۇت ئاغرىش، ئارىلاپ ئاقساش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بىز ئارتېرىيە تومۇرىدىن مەسىلە چىققان ياكى چىقمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. 

 

2

 

پۇت مۇزلاشنىڭ نورمال ئەھۋال ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋال ئىكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

بىز ئالدى بىلەن پۇت مۇزلاشتىكى ئىككى خىل ئەھۋال ھەققىدە توختىلايلى: بىر خىلىدا، ئۆزىمىز پۇتىمىزنىڭ مۇزلىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، لېكىن پۇتىمىزنى سىلىساق سوغۇق ھېس قىلمايمىز؛ يەنە بىر خىلىدا، پۇتىمىزنىڭ مۇزلىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، پۇتىمىزنى سىلىساق ھەقىقەتەن سوغۇق بىلىنىدۇ.

بىرىنچى خىل ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن بەل ئومۇرتقا كېسىلى بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىش، سۆڭەك بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك. 

ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا، ئارتېرىيە تومۇرىدىن مەسىلە چىققان بولىدۇ، ئاندىن قەيەردىكى ئارتېرىيە تومۇرىدىن مەسىلە چىققانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ قان تومۇرلار كىندىككە توغرا كېلىدىغان يەردە بىر ئاچانى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ يانپاش ئارتېرىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئوڭ-سول ئىككى تال تومۇر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى پۇتنى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ. داۋاملىق تۆۋەنگە قاراپ ماڭغاندا، يوتا تۈۋىدە يەنە بىر ئاچا ھاسىل قىلىدۇ، بۇ يوتا ئارتېرىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن داۋاملىق تۆۋەنگە قاراپ ماڭغاندا، پاقالچاقتا ئۈچ تارماققا ئايرىلىپ، پاقالچاق ۋە پۇت پەنجە قىسمىنى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر كىندىكتىن پۇت پەنجىسىگىچە بولغان ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا مەسىلە كۆرۈلسە، پۇت مۇزلاش ياكى ئارىلاپ ئاقساش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

بۇنىڭغا قارىتا، بىز بىر خىل ئاددىي ئۇسۇل بىلەن قان تومۇرنىڭ راۋان ياكى راۋان ئەمەسلىكىنى ئۆلچىيەلەيمىز:

بىرىنچى خىل ئۇسۇل: ئۆرە تۇرۇپ، ئىككى قولنى ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، يوتا تۈۋىنى سىيلاش. نورمال ئەھۋالدا، ئارتېرىيەنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئارتېرىيە سوقمىسا ياكى ئاجىز سوقسا، مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: ئاياغ ۋە پايپاقنى سېلىۋېتىپ، تۈز يېتىپ، ئائىلىدىكىلەرگە پۇت پەنجىسى دۈمبىسىنى تۇتقۇزۇش. نورمال ئەھۋالدا، ناھايىتى ئاجىز ئارتېرىيە سوقۇشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا دىياگنوز قويۇش بىرقەدەر قىيىن، ئەگەر توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولمىسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

3

 

قانداق قىلغاندا پۇت مۇزلاشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؟ 

ئەگەر پۇت ئارتېرىيە قان تومۇر كېسەللىكى سەۋەبىدىن مۇزلىغان بولسا، ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ، بۇ ئۇسۇللار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېنىك ۋە ئېغىر كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ. 

بىرىنچى خىل ئۇسۇل: كۆپرەك يول مېڭىش، پۇتنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش. قېلىنراق پايپاق، راھەت تەنھەرىكەت ئايىغى ياكى پاختىلىق ئاياغ كىيىۋالساق بولىدۇ، قول بىلەن پۇتنى قايتا-قايتا ئۇۋۇلىغاندا، بەك كۈچەپ ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك. پۇتنى سۇغا چىلاش ياكى توك پار بىلەن ئىسسىتىش مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. 

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: دوختۇرخانىغا بېرىپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدىغان دورىلارنى ئېلىپ ئىچسەك بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا دورا ئارقىلىق پۇتتىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ قان بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. 

ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل: ئەگەر كىندىكتىن پۇت پەنجىسىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئارتېرىيەدە مەسىلە بىر قەدەر ئېغىر بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە، مىكرو ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، يوتا تۈۋىدىن يىڭنە تۆشۈكىدەك تۆشۈك ئېچىلىپ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا دورا شارچە خالتىسى ئارقىلىق ياكى تىرەك سېلىش ئارقىلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، پۇتنىڭ قان ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى پۇتنىڭ ئىللىقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇتى مۇزلاپلا تۇرىدىغان كىشىلەر سەل قارىماڭ!

سوغۇق قىش پەسلىدە، ئادەم بەدىنىدە ھەمىشە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇتى مۇزلاپ تۇرىدىغان كونا كېسىلى يەنە قوزغىلىدۇ. كىشىنى ئەنسىرىتىدىغىنى، شۇنچە قېلىن كىيىۋالغان تەقدىردىمۇ بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ھەتتا، بەزىلەرنىڭ پۇتى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق سوغۇق تۇرىدۇ.