ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ چولپانلارنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-25 08:45

مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى «كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.

يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى «كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدا كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى تور ئاممىۋى پىكىر تەرتىپىنى قوغداپ، تېخىمۇ پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردىكى چاكىنا كۆڭۈل ئېچىش خاھىشى، كۆز بويامچىلىق ئەھۋاللىرى قايتا-قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، ئېقىم مىقدارىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، غەيرىي گۈزەللىكتىن زوقلىنىش، «مەستانىلەر چەمبىرىكى» قالايمىقانچىلىقى قاتارلىق ناچار مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، توردىكى بەزى چولپانلارنىڭ تەشۋىقات ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى قېلىپلاشمىغان بولۇپ، پىتنە-ئىغۋا، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلار تور بېكىتى سۇپىسىنىڭ باش بېتىدىن، قىزىق ئىزدەش تاختىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، كۆپلىگەن ئاممىۋى سۇپا بايلىقىنى ئىگىلىمەكتە، بۇنىڭغا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ تور ئۇچۇرلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام تور مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بۇ «ئۇقتۇرۇش»نى تۈزۈپ تارقاتتى.

«ئۇقتۇرۇش»تا كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ تور ئۇچۇرلىرىنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزمۇننى يېتەكلەش، ئۇچۇرنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھېسابات نومۇرىنى باشقۇرۇش، ئاممىۋى پىكىر مېخانىزمىنى ئورنىتىش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن 15 تۈرلۈك كونكرېت خىزمەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ مەزمۇن يۆنىلىشىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئىجابىي تەرەپكە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، سەلبىي تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىدا غەيرىي گۈزەللىكنى تەرغىب قىلىش، چاكىنا خەۋەرلەرنى كۆپتۈرۈش، يامان غەرەزدە ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، باھا-پىكىرنى كونترول قىلىش، ساختا ئۇچۇرلارنى تارتىش، چولپانلارنى ئىدراكسىز قوغلىشىشقا يېتەكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. «ئۇقتۇرۇش»تا ئۇچۇر مەزمۇنى خاسلىقى، تەسىر كۆرسىتىش رولى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنى سەنئەت ئەسەرلىرى، شەخسىي پائالىيەت خاتىرىسى، سودا پائالىيىتى، ئېلان، ئاممىۋى پاراۋانلىق، نوپۇزلۇق ئۇقتۇرۇش قاتارلىق ئالتە تۈرگە ئايرىپ، تور بېكەت سۇپىسىنىڭ باش بېتىنىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشى، قىزىق تەۋسىيە تىزىملىكى، قىزغىن ئىزدەش تىزىملىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ھالقىلارغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا چولپانلار، ۋاسىتىچىلىك شىركىتى (خىزمەت ئىشخانىسى)، مەستانىلەر گۇرۇپپىسى (ئارقىدا تۇرۇپ ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسى)، كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئاممىۋى ھېسابات نومۇرى، MCN ئاپپاراتى قاتارلىق ھېسابات نومۇرى ۋە ئاساسىي گەۋدىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنى مەنبەدىن قېلىپلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور بېكەت سۇپىسىدىن كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىغا دائىر توردىكى ئاممىۋى پىكىرنى كۆزىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېتەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلاردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «مەستانىلەر چەمبىرىكى»دىكى قالايمىقان ھادىسىلەرنى تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تور بېكىتى سۇپىسىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ چولپانلارنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى «كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.