ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

31 ئۆلكىنىڭ نوپۇسىدىكى ئەر-ئاياللار نىسبىتى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-25 08:46

 يېقىندا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «جۇڭگو ئىستاتىستىكا يىلنامىسى 2021» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئىستاتىستىكا يىلنامىسى» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، «ئىستاتىستىكا يىلنامىسى»دا نوپۇس قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سانلىق مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە يېزا نوپۇسىنىڭ جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى 107.91 بولۇپ، بۇ ئېلىمىزدىكى ئەر-ئاياللار نوپۇسىنىڭ جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى تەڭپۇڭ بولماسلىق ھادىسىسىنىڭ يېزا-كەنت رايونلىرىدا تېخىمۇ روشەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

رايون نوپۇسى، نوپۇس مىقدارى، جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى ۋە ئائىلە كۆلىمى (يېزا-كەنت) (2020-يىلى) 

«ئىستاتىستىكا يىلنامىسى»دىكى 11-2 جەدۋەل «رايون نوپۇسى، نوپۇس مىقدارى، جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى ۋە ئائىلە كۆلىمى (يېزا-كەنت) (2020-يىلى)»دا كۆرسىتىلىشىچە، 31 ئۆلكىنىڭ يېزا-كەنت ئاھالىسىدىكى جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى 100 (ئايال=100)دىن چوڭ بولغان، يەنى 31 ئۆلكىدىكى يېزا-كەنتتە ئەرلەر ئاياللاردىن كۆپ ئىكەن. 

ئۆلكىلەر بويىچە قارىغاندا، ئېلىمىزدىكى 31 ئۆلكىدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى 100دىن چوڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 14 ئۆلكىنىڭ 110دىن چوڭ ئىكەن، يەنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 120.21، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ 110.07، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 112.26، شاڭخەي شەھىرىنىڭ 130.93، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 110.82، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ 110.94، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ 110.04، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ 111.34، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 111.36، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ 111.83، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ 116.52، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ 111.89، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ 111.52، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ 110.19 ئىكەن. 

رايون نوپۇسى، نوپۇس مىقدارى، جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى ۋە ئائىلە كۆلىمى (شەھەر) (2020-يىلى) 

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئىستاتىستىكا يىلنامىسى»دىكى 9-2 جەدۋەل  «رايون نوپۇسى، نوپۇس مىقدارى، جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى ۋە ئائىلە كۆلىمى (شەھەر) (2020-يىلى)»دا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە ئىچىدە 11 ئۆلكىنىڭ شەھەر نوپۇسىدىكى جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى 100 (ئايال= 100)دىن كىچىك بولۇپ، ئاياللار ئەرلەردىن كۆپ ئىكەن: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 99.02، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ 99.70، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 99.63، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ 97.53، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ 95.56، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 97.10، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ 99.46، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 98.87، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ 97.86، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ 97.59، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ 99.19 ئىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

31 ئۆلكىنىڭ نوپۇسىدىكى ئەر-ئاياللار نىسبىتى ئېلان قىلىندى

يېقىندا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «جۇڭگو ئىستاتىستىكا يىلنامىسى 2021» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئىستاتىستىكا يىلنامىسى» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى