ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەرقايسى كەسىپتىكىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى مائاش جەدۋىلى ئېلان قىلىندى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-26 08:44

يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىللىق كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرى ئېلان قىلىندى. زادى قايسى كەسىپتە ئەڭ كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ؟ «يۇقىرى كىرىملىك كەسىپ» دەپ قارالغان پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ «پۇل سۈمۈرۈش» ئىقتىدارى بۇرۇنقىدەك يۇقىرىمۇ؟ قېنى كۆرۈپ باقايلى!  

كارخانا كەسىپكارلىرىنىڭ مائاش باھا ئورنى ئېلان قىلىندى

ئالدى بىلەن كارخانىلاردىكى كەسىپكارلارنىڭ مائاش باھا ئورنى جەدۋىلى (2020-يىلى)نى كۆرۈپ باقايلى↓

مائاش باھا ئورنى دېگىنىمىز، كارخانىدىكى كەسىپكارلارنىڭ شۇ دوكلات تەييارلانغان مەزگىلدىكى مائاش سەۋىيەسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئاساسىي مائاش، مۇكاپات پۇلى، ياردەم پۇلى ۋە قوشۇمچە پۇل، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى ۋە ئالاھىدە ئەھۋالدا بېرىلىدىغان مائاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بازار باھا ئورنى سەۋىيەسىنى مەلۇم دەرىجىدە نامايان قىلىدۇ.

بۆلۈنمە ئورنى قىممىتى دېگىنىمىز، سانلىق مەلۇماتنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا رەتكە تۇرغۇزۇپ، سانلار ئارقىمۇ ئارقىلىقىدىكى مۇناسىپ پىرسەنت ئورنىدا تۇرغان سانلىق مەلۇماتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇناسىپ نىسبەتتىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ بۇ سانلىق قىممەتتىن تۆۋەن ياكى ئۇنىڭغا تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە تۆۋەن بۆلۈنمە ئورنى (10لىق بۆلۈنمە ئورنى)، تۆۋەن تۆتلۈك بۆلۈنمە ئورنى (25 لىك بۆلۈنمە ئورنى)، ئوتتۇرا بۆلۈنمە ئورنى (50 لىك بۆلۈنمە ئورنى)، يۇقىرى تۆتلۈك بۆلۈنمە ئورنى (75 لىك بۆلۈنمە ئورنى) ۋە يۇقىرى بۆلۈنمە ئورنى (90 لىك بۆلۈنمە ئورنى) دەپ ئايرىلىدۇ.

قايسى كەسىپلەرنىڭ «پۇل سۈمۈرۈش» ئىقتىدارى كۈچلۈك؟

قايسى كەسىپتە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟

مائاش باھا ئورنىنىڭ يۇقىرى بۆلۈنمە ئورنىدىن قارىغاندا، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، يىللىق مائاشى 261 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت خادىملىرى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، يىللىق مائاشى 239 مىڭ يۈەن بولغان؛ ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىي خادىملىرى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، يىللىق مائاشى 174 مىڭ 200 يۈەن بولغان.

2019-يىللىق مائاش باھا جەدۋىلىدە 3-ئورۇندا تۇرغان ئۇچۇر يوللاش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت خادىملىرى بۇ قېتىم 4-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، يىللىق مائاشى 173 مىڭ 400 يۈەن بولغان.

يۇقىرى بۆلۈنمە ئورنىدىن باشقا بۆلۈنمە ئورنىدىكى مائاشى سەۋىيەسى جەھەتتە، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، باشقا كەسىپتىكىلەردىن يۇقىرى بولغان، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 48 مىڭ 300 يۈەن، 71 مىڭ 600 يۈەن، 108 مىڭ 600 يۈەن، 161 مىڭ 100 يۈەن بولغان.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ «پۇل سۈمۈرۈش» ئىقتىدارى يەنىلا كۈچلۈك بولغان، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى خادىملىرىنىڭ مائاشىمۇ ئومۇمىي بۆلەك ئورنىدا ئەڭ يۇقىرى بولغان، IT كەسپىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسىمۇ يەنىلا كۈچلۈك بولغان.

قايسى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مائاش باھا ئورنى ئەڭ يۇقىرى؟

ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنى دەرىجىسىدىكى كەسىپكارلارنىڭ ئىش ھەققى باھا ئورنى سانلىق مەلۇماتىدىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولدى.

بۇ جەدۋەل باشقۇرۇش تۈرىدىكى ئىش ئورنى دەرىجىسى، تېخنىكا تۈرىدىكى ئىش ئورنى دەرىجىسى، ماھارەت تۈرىدىكى ئىش ئورنى دەرىجىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باشقۇرۇش ئىش ئورنى، ئۇنۋانى، ماھارىتى قانچە يۇقىرى بولسا، مائاش باھا ئورنىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئادەم ھەمىشە يۇقىرىغا ئۆرلەشكە ئىنتىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ماھارىتى، ئۇنۋانىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنسېرى، مائاش كىرىمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ئوقۇش تارىخى يەنىلا مائاش باھا ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىم ئامىل

بىلىم يەنە تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە.

لىشۈي شەھىرىدىكى پەرقلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كارخانا كەسىپكارلىرىنىڭ مائاش باھا ئورنى

مەسىلەن، لىشۈي شەھىرى ئېلان قىلغان كارخانا كەسىپكارلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى بويىچە ئايرىلغان مائاش باھا ئورنىغا نەزەر سالساق، مائاش ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مائاشنىڭ يۇقىرى–تۆۋەنلىك تەرتىپى مۇنداق بولغان: ئاسپىرانت (دوكتور، ماگىستىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)> ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسى> ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرسى > تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ياكى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى> تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

يەنى ئوقۇش تارىخى قانچە يۇقىرى بولسا، مائاش باھا ئورنى شۇنچە يۇقىرى بولغان. شۈبھىسىزكى، مائاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئوقۇش تارىخى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.

سىز قايسى ساھەدە خىزمەت قىلىسىز؟ سىزنىڭ مائاشىڭىز قايسى باھا ئورنىغا تەۋە؟ بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن كەسىپ ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىپ قالدىڭىزمۇ؟

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەرقايسى كەسىپتىكىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى مائاش جەدۋىلى ئېلان قىلىندى!

يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىللىق كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرى ئېلان قىلىندى. زادى قايسى كەسىپتە ئەڭ كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ؟