ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ساختا تاماكا ياساش-سېتىش چوڭ شايكىسى بىتچىت قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-27 17:35

مۇخبىرنىڭ 24-نويابىر گۇاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، گۇاڭجۇ شەھىرى خۇادۇ رايونى ساقچىلىرى يېقىندا بىر ئالاھىدە چوڭ ساختا تاماكا ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، ساختا ماركىلىق تاماكىدىن 1 مىليون 380 مىڭنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، خۇادۇ ساقچىلىرى شىنخۇا كوچىسىدىكى مەلۇم كەنتتە بەزىلەرنىڭ ساختا تاماكا ئىشلەپچىقارغانلىقى ھەققىدە پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. ساقچىلار دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ، ئاخىرى شايكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسى ۋە ساقلاش نۇقتىسىنى بېكىتىپ، تاماكا قەلەمچىسى ئىشلەپچىقىرىش، ئاق لېنتا پىششىقلاش، تەييار مەھسۇلاتنى ئوراش-قاچىلاش، ئامباردا ساقلاشتەك پۈتۈن زەنجىرلىك ساختا تاماكا ياساش-سېتىشقا چېتىشلىق شايكىنى ئىچكىرىلەپ قېزىپ چىققان.

12-نويابىر چۈشتىن كېيىن، ساقچىلار مەخسۇس تاماكا سېتىش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش تورنى يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساختا تاماكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ساقلاش ئۇۋىسىدىن بىرنى بىتچىت قىلىپ، خۇاڭ x، فاڭ x، چېن x قاتارلىق 12 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان، ساختا، داڭلىق ماركىلىق 12 خىل تاماكىدىن تەخمىنەن 1 مىليون 380 مىڭنى، 300 كىلوگىرام تاۋار ماركىسى ۋە ئاددىي ئوراش-قاچىلاش ماشىنىسىدىن 27نى قولغا چۈشۈرگەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

دېلو بېجىرگەن خەلق ساقچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شايكىنىڭ تىجارەت كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، پەقەت ئوراش-قاچىلاش ماشىنىسىلا 27 دانە ئىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە مال چىقىرىش مىقدارى 5000 بولاققا يېتىدىكەن، ئۇلار تاماكىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، ئامبارغا يۆتكەپ ساقلايدىكەن، پەقەت مۇقىم خېرىدارلىرىغىلا مال بېرىدىكەن، خېرىدارلار يوللىغان زاكاز ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كىچىك ئاپتوموبىل بىلەن مالنى يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

سوراق قىلىش ئارقىلىق، 12 جىنايەت گۇماندارى ساختا تاماكا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان ھەمدە ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، نۆۋەتتە دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ساختا تاماكا ياساش-سېتىش چوڭ شايكىسى بىتچىت قىلىندى

مۇخبىرنىڭ 24-نويابىر گۇاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، گۇاڭجۇ شەھىرى خۇادۇ رايونى ساقچىلىرى يېقىندا بىر ئالاھىدە چوڭ ساختا تاماكا ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، ساختا ماركىلىق تاماكىدىن 1 مىليون 380 مىڭنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان.