ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

52 ئادەم قازا قىلدى، پۇتىن چۆچۈپ كەتتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-27 18:31

شۇ جاي ۋاقتى 25-نويابىر كەچتە، رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تارمىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، كېمېروۋو ئوبلاستىدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە جەمئىي 52 كىشى قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 6 نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمىمۇ بار ئىكەن، بۇ ئىش رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى چۆچۈتۈۋەتكەن.
  پۇتىن قازا قىلغان كان ئىشچىلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن، ئۇ يارىلانغانلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.

25-نويابىر سەھەر سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كېمېروۋو ئوبلاستىدىكى كۇزباس كان رايونىدىكى لىستۋىيا رىنايا كان قۇدۇقىدىن قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە، جەمئىي 285 ئىشچى كان قۇدۇقىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقانىكەن. ھادىسە كۆمۈر توزانلىرىغا ئوت كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 25-نويابىر مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: زۇڭتۇڭ پۇتىن قازا قىلغان كان ئىشچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئۇ يارىلانغانلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

پېسكوف يەنە مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پۇتىن قازا قىلغان كان ئىشچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، بىز كان ئاستىدا قالغان شۇ كىشىلەرنى ئىمكان بار تېز قۇتقۇزۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

زۇڭتۇڭ پۇتىن ئالاقىدار ئەمەلدارلار ۋە تەشكىلاتلارغا يارىلانغانلارغا بارلىق زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىش ھەمدە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

52 ئادەم قازا قىلدى، پۇتىن چۆچۈپ كەتتى!

پۇتىن قازا قىلغان كان ئىشچىلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن، ئۇ يارىلانغانلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.